تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ

شىنجاڭ ئايال كادىرلار مەكتىپى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ماھىرە ھاشىم

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يامان نىيەتتە تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. ئۇلار «كىشىلىك ھوقۇق» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»دىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بۇ خىل تېررورىزم، ئەسەبىزمنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان، ئۇنىڭغا يول قويىدىغان، «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ يەل بېرىدىغان رەزىل قىلمىشقا جۇڭگو خەلقى قەتئىي قوشۇلمايدۇ.

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سىياسىتى - تەدبىرىگە بوھتان چاپلىغانلىقى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. ئامېرىكىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارنى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سىياسىي ئەربابلارنى قانۇنسىز نازارەت قىلىپ تىڭشىشى، شەخسلەرنىڭ يان تېلېفونى ۋە كومپيۇتېرىنى خالىغانچە تەكشۈرۈشى ھەمدە چەت ئەلدە نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرانى قالايمىقان ئۆلتۈرۈشى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىدىن قاچتى. شىنجاڭ قانات يايدۇرغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھىغا ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن، ئەمما ئامېرىكا تەرەپ بۇنى كۈچەپ ئەيىبلىدى، بۇنداق ئوچۇق - ئاشكارا قوش ئۆلچەمنى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىل سىياسىي غەرەز ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلق مەركەز قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنى يولغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي پىرىنسىپىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ. مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، ساياھەتچىلىك كەسپىدە شىددەتلىك تەرەققىيات بارلىققا كەلدى، مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىش - تۈزەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئالاقىدار ئىشلاردا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى. شىنجاڭدا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپنىڭ تولۇق قاپلىشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى ۋە 12 يىللىق ئۇل مائارىپنىڭ تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

مەن ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلارنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك، چوتنى خاتا سوققانلىق! شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلق قوشۇلمايدۇ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى قوشۇلمايدۇ، ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.