تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

پارنىكتا يېتىشتۈرۈلگەن «دوستلۇق مېۋىسى» «بېيىش مېۋىسى»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«سۈي ئاكامنىڭ ياردىمىدە، مەن بۇ يىل پارنىكتا خاس تېرىقچىلىق قىلىپ 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم» دېدى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يېڭىسار ناھىيەسى شەھەر يېزىسى قاشئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رېشىت مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

رېشىت ئېيتقان سۈي ئاكا يېڭىسار ناھىيەسىدە يىراق - يېقىنغا نامى تارالغان بېيىش ماھىرى سۈي چاڭفېڭ ئىدى.

سۈي چاڭفېڭ 2009 - يىلى شەندۇڭ لياۋچېڭدىن قاشئېرىق كەنتىگە كېلىپ پارنىك ھۆددىگە ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

2012 - يىلى، رېشىت سۈي چاڭفېڭنىڭ ياردىمىدە، پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى سىناق تەرىقىسىدە ئۆگەندى. مەبلىغى بولمىغاچقا، سۈي چاڭفېڭ ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن بېرىپ تۇردى، يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ پارنىكقا كېرەكلىك پاختىلىق ياپقۇچ، سولياۋ رەخت قاتارلىقلارنى ئېلىپ بەردى. «ئەينى يىلى پارنىكتا كۆكتات تېرىپ 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم.» رېشىت مۇنداق دېدى: «سۈي ئاكام ماڭا قولمۇقول تېخنىكا ئۆگىتىپ، كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلىشىمغا يېتەكچىلىك قىلمىغان بولسا، مەن قانداقمۇ بۇنچىلىك كۆپ پۇل تاپالايتتىم!»

ئون يىلدىن بۇيان، سۈي چاڭفېڭ بىلەن رېشىت بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك ئۆزئارا قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. سۈي چاڭفېڭنىڭ ياردىمىدە رېشىتمۇ شۇ جايدىكى يىراق - يېقىنغا نامى تارالغان بېيىش ماھىرىغا ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ياخشى ئاكا - ئۇكىلار ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان خاس تېرىقچىلىققا كۆز تىكتى.

«بۇ يىل سۈي ئاكامنىڭ ياردىمىدە، مەن تېرىغان 6000 تۈپ چىلگە قوغۇننىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %98تىن يۇقىرى بولدى، تەخمىنەن ھېسابلاپ باقسام، ئاز بولغاندىمۇ 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن» دېدى رېشىت. بۇ يىل 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا، رېشىت ئائىلىسىنىڭ پارنىكتا ئۆستۈرگەن قوغۇنلىرى بازارغا سېلىندى، ئۇنىڭ قوغۇننى ياخشى باھادا ساتالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، سۈي چاڭفېڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ، بەش يەشىك قوغۇننى قاچىلاپ قەشقەر شەھىرىگە ئاپىرىپ سېتىشىپ بەردى. «بەش يەشىك قوغۇندىن 1170 يۈەن پۇل تاپتىم.» رېشىت مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قوغۇن توشۇيدىغان ماشىنام بولمىغاچقا، سۈي ئاكام تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ ياردەملەشتى؛ قوغۇننى تېزرەك سېتىۋېتىش ئۈچۈن، سۈي ئاكام ماڭا ياردەم قىلىپ تەرەپ - تەرەپتىن سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپ بەردى.» رېشىتنىڭ چىلگە قوغۇنلىرى ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ بولدى.

سۈي چاڭفېڭ بىلەن رېشىتتىن ئىبارەت بېيىش يولىدىكى بۇ ياخشى ئاكا - ئۇكىلار ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆزئارا ياردەم بەردى، تۇرمۇشتا ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلدى.

بىر يىلى قىشتا قار ناھايىتى قېلىن ياغدى. سۈي چاڭفېڭ ئائىلىسىنىڭ پارنىكلىرى كۆپ ئىدى، ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ قارنى تازىلاپ بولالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن رېشىت دادىسى بىلەن بىللە سۈپۈرگە، قار تازىلاش تاختىسىنى ئېلىپ سۈي چاڭفېڭنىڭ قار تازىلىشىغا ياردەملەشتى. «ھازىر مەن يەنە ئاتا - بالا ئىككىسىنىڭ پارنىك تېمىدا تۇرۇپ قار تازىلىشىمىزغا ياردەم قىلغان چاغدىكى مەنزىرىنى دائىم ئەسلەپ قالىمەن.» گەرچە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، سۈي چاڭفېڭ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا يەنىلا ناھايىتى ھاياجانلىناتتى.

بۇلتۇر، رېشىت ئائىلىسى يېڭى ئۆي سالدى، تاپقان - تەرگىنىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلىتىپ بولدى، قىش كىرىشتىن ئىلگىرى پارنىكقا پاختىلىق يوتقان سېتىۋالىدىغان چاغدا، مەبلەغدە كەمچىللىك كۆرۈلدى، سۈي چاڭفېڭ ئەر - خوتۇن قىلچە ئىككىلەنمەيلا رېشىتقا 20 مىڭ يۈەن بېرىپ تۇردى. «بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش، بەزىدە پارنىكتىكى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ يېتىشەلمەي قالغىنىمىزدا، بىز رېشىتقا تېلېفون قىلساق، ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ ياردەم قىلىدۇ، بۇ ئۇكامغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى سۈي چاڭفېڭنىڭ خوتۇنى جاۋ لىخۇا مۇخبىرغا.

«سۈي ئاكام ھەر كۈنى بىزنىڭ قوغۇن پارنىكىمىزغا كېلىپ، ماڭا مايسا يېتىشتۈرۈشنى، كۆچۈرۈپ تىكىشنى، قىروۋسىمان پاختىلىشىش كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشنى ئۆگىتىدۇ، يەنە ماڭا ياردەملىشىپ سېتىشىپ بېرىدۇ، سۈي ئاكامغا سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ قىلغانلىرىم بەكلا ئاز» دېدى رېشىت خىجىل بولغان ھالدا.

خاس مېۋە، كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىستىقبالى ياخشى، ئۈنۈمى يۇقىرى، يېقىنقى يىللاردا، سۈي چاڭفېڭ رېشىتنى يېتەكلەپ پارنىكتا خاڭگا، شوخلا، قوغۇن تېرىپلا قالماي، يەنە شېڭنۈگو، بۆلجۈرگەن قاتارلىقلارنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىشقا باشلىدى.

«بىر ئادەم باي بولسا بېيىغان ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە باي بولسا ئاندىن بېيىغان بولىدۇ» دېدى سۈي چاڭفېڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، قاشئېرىق كەنتىدە بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى پارنىك تېرىقچىلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى