تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كىچىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش چوڭ بازارغا تۇتاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى بەي جىيۈ، جاۋ چۇنخۇا

«ئەمدىلا تونۇردىن چىققان سامسا، بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۆزگىچە نازۇنېمەت، چوقۇم قىزىقىدا يېسىڭىز ئاندىن تەملىك بولىدۇ».

«بۇ كوچىنى دوپپا - تۇماق بازىرى دەيمىز، قىش كەلدى، يېڭى تۇماقتىن بىرنى ئېلىۋېلىڭ».

...

12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، 24 ياشلىق نۇرگۈل مامۇت راۋان پۇتۇڭخۇادا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق تورداشقا ئەتراپىدىكى ھەممە ئىشنى تونۇشتۇردى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە كەيپىيات قىزغىن ئىدى، كۆپچىلىك بەس - بەستە سوئال سورايتتى، نۇرگۈل بارغانلىكى يېرىنى، نېمىنى كۆرسە شۇنى تونۇشتۇراتتى، تورداشلار بىلەن قويۇق پىكىر ئالماشتۇراتتى.

نۇرگۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتا - ئانىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ يۇرتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلدى. بىراق، نۇرغۇن ياشقا ئوخشاشلا، نۇرگۈل بىر مەزگىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن سەل مەنىسىز ھېس قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا بىرلەشتۈرۈپ بەزى ئىشلارنى قىلماقچى بولدى.

2019 - يىلىنىڭ بېشىدا، نۇرگۈل ئىمتىھان بېرىپ قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، پىلانلاش بۆلۈمىدە ئىجادىيەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. ناھايىتى تېزلا، نۇرگۈلنىڭ گۈزەل ئوبرازى ۋە ئورۇنداش ئالاھىدىلىكى نامايان بولۇشقا باشلىدى. خىزمەتداشلىرى: «ھازىر بىۋاسىتە كۆرسىتىش بەكلا قىزىۋاتىدۇ، سىزمۇ سىناپ باقمامسىز؟» دەپ تەكلىپ بېرىشتى.

ئۇ بۇنىڭغا بىرئاز قىزىقتى، ئەمما تازا جۈرئەت قىلالمىدى، كۆپچىلىكنىڭ ئىلھام بېرىش سادالىرى ئىچىدە، نۇرگۈل دادىللىق بىلەن يان تېلېفونىنى ئېلىپ، چوڭ تىپتىكى بىر بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ناھايىتى تېزلا سالاھىيەت دەلىللەشتىن ئۆتتى. بىراق، دەسلەپكى بىرنەچچە قېتىملىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن كېيىن، نۇرگۈل سەل مەيۈسلىنىپ: «ئېكرانغا قاراپ بەك جىددىيلىشىپ كەتتىم، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىشنىمۇ بىلەلمەي قالدىم» دېدى.

مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەيدىغان نۇرگۈل ياخشى ئۆگىنىشكە بەل باغلىدى. ئۇ توختىماستىن باشقىلارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىنى، سىن فىلىملىرىنى كۆردى، يەنە خىزمەتداشلىرى بىلەن قانداق قىلغاندا كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىغان سىننى سۈرەتكە ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇزاكىرىلەشتى. بەزىدە دەم ئالغاندا، ئۇ ئۆزى يالغۇز شىركەتنىڭ كېڭىشىش ئىشخانىسىغا كىرىۋېلىپ، يوشۇرۇنچە پۇتۇڭخۇانى مەشىق قىلدى، مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆرۈپ، بىلىم زاپىسىنى ئاشۇردى.

بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، نۇرگۈلدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىنى بىۋاسىتە كۆرسەتكەن مەزگىلدە، يەككە قېتىملىق سىننى كۆرگۈچىلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ كىشىگە يەتتى.

فىنسىلىرىنىڭ ئىلھامى نۇرگۈلنىڭ ئىشەنچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، ئۇ ھەر كۈنى ئاكتىپلىق بىلەن يۇرتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تورداشلارغا تونۇشتۇرۇپ، دېھقانلار ھويلىسىنى چوڭ بازارغا تۇتاشتۇردى.

قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن ۋېنجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە نۇرگۈلنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىگە دىققەت قىلغان فىنسىلىرى 100 مىڭ ئادەمگە يەتتى، سىرتتا بىۋاسىتە كۆرسەتكەندىكى يەككە قېتىملىق فىنسىلىرىنىڭ ئايلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن 500 ئادەم ئەتراپىدا تۇراقلاشتى. «بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ھەر ئايدا 100 مىڭ يۈەنلىك سېتىش سوممىسى ياراتقىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى بىزنىڭ نامرات ئائىلىلەرنىڭ قولىدىن سېتىۋېلىنغان».

«بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ ياخشى يېرى شۇكى، ھەر ۋاقىت ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، تورداشلار كۆرۈپ، ئاڭلاپ بولدى قىلىپلا قالماي، يەنە تۈرلۈك - تۈمەن گۇمانىي مەسىلىلەرنى سورايدۇ ھەم نۇرغۇن قىممىتى بار پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىدۇ.» نۇرگۈلنىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇنداق قوش يۆنىلىشلىك ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە نامرات رايونلارغىمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى ۋە نامرات ئاممىنىڭ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تونۇتقىلى بولىدىكەن. «مەن بۇ كۆۋرۈكنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى مەھسۇلاتنى <گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا> دەيدىغان قىيىن ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى