تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئىناق - مۇقىملىقى ھەممىگە ئايان، بوھتان چاپلاشقا بولمايدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ناھايىتى قاتتىق ئازار بەردى. بۇنىڭغا مەن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!

تېررورىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق زەربە بېرىدىغان ئوبيېكت. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق - تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرىنى پىلانلاپ ھەم تەشكىللەپ سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كەسكىن ۋەزىيەت ۋە مۇرەككەپ ئەھۋال ئالدىدا، شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈز بەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەممىگە ئايان بولۇپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى تۈگىتىپ، تېررورلۇق پائالىيىتى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قىسىم رايون، ناھىيەلەردە تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشنى ھەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئوقۇتۇش دەرسلىرىنى تەسىس قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، تەربىيەلەنگۈچىلەر قەرەللىك ئۆيىگە قايتالايدۇ، ئىشى بولسا رۇخسەت سورىيالايدۇ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئەركىنلىكى بار، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق كاپالەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى تۈگىتىش»كە قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تەربىيەلىنىشنى تاماملىدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ مەنىۋى بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدى، روھىي ھالىتىدىن تاشقى قىياپىتىگىچە ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەردى، ئىدىيەۋى قارىشى ۋە تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنىڭ ھەممىسىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. كۆپلىگەن تەربىيەلەنگۈچى ئۆگىنىش ئارقىلىق كەسپىي ماھارەت ئىگىلەپ، ياقتۇرىدىغان خىزمەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى.

شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 70 يىل ئىلگىرى، شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تۆۋەن، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىنتايىن ئارقىدا ئىدى. ھازىر شىنجاڭدا زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈردى، قاتناش تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستى. مەن شىنجاڭدىكى بىر ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن تارتىپلا ھەر مىللەت دوستلار بىلەن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئورتاق ئۆگىنىپ، ئورتاق خىزمەت قىلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق قۇردۇق. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياخشى بولغان مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش تەستە قولغا كەلگەن بۇ چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن بولغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن بولغان. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ! ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ! شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.