ئامېرىكا درېسسېل داشۆسىنىڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش شۆيۈەنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، گەرچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئائىلە ۋە ئىشخانىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە پايدىسى بولسىمۇ، بىراق ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشقا ئاساسەن پايدىسى يوق ئىكەن، تەبىئىي ھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئۈنۈمى تەشتەكلىك ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق ساپلاشتۇرغاندىن كۆپ ياخشى ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار «پاكىز ھاۋا يەتكۈزۈش نىسبىتى» ناملىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىنىغاندىن كېيىن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆي ئىچىدە پارلىنىشچان ئورگانىك بىرىكمىلەرنى تارقىتىش سۈرئىتى ئۆلچەملىك ھاۋا ئالماشتۇرۇشتىن بىر نەچچە سانلىق دەرىجە ئاستا بولىدىغىنىنى بايقىغان. بۇ، ئۆي ئىچى ھاۋا سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاشتا ئۆسۈملۈكنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ھەر كىۋادرات مېتىردا 10 تەشتەكتىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بولغاندا، ئاندىن بىنانىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ساپلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا، بىرمۇنچە جاپا تارتىپ ئۇنچە جىق ئۆسۈملۈك باققاندىن دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغان ياخشى ئىكەن.