تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاش  شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاش   شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشى ئۈچۈن ئۈلگە بولدى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن بولۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى چوڭقۇر، كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ، بىزنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىش، باشتىن - ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلىشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مەڭگۈلۈك تېما قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، غايە - ئېتىقاد «باش كەيگۈەن»ىنى چىڭ تۇتۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىمىز، مەن كىم دېگەننى ئۇنتۇپ قالماي، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا مۇستەھكەم ئورنىتىپ، ئىدىيە چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ پىكىر - تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، تەنقىد - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خەلقنىڭ ئاغرىنىشىنى پەسەيتىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلە، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يالغۇزدا، دەسلەپتە، كىچىكتە، دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلايدىغان سىياسىي سەگەكلىك، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىلگىرىلەش ھالىتى بىلەن تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى پۈتۈن ۋەزىيەتتىن پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كونكرېت ۋەزىپىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قەتئىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.