تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەرەققىيات سۈپىتىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلدى

بەي جىيۈ

يېقىندا، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم نامرات دېھقان - چارۋىچى ئېگىزلىكتىكى چوڭقۇر تاغلار ۋە قۇملۇقلارنىڭ ئىچكىرىسىدىن دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بەرگەن بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل»دىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندالدى، 40 مىڭ 146 ئائىلىدىكى 169 مىڭ 400 ئادەم خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

باشقا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇسۇللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، باشقا جايغا كۆچۈرۈشنىڭ ھەمىشە مەشغۇلات ۋاقتى ئۇزاق، يولغا قويۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى بىۋاسىتە سىنايدۇ. تۇرالغۇدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە تۇرۇبا سۈيى، ئەۋرەز يولى، ئېلېكتىر تورى، يول، يېقىلغۇ گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ماس قەدەمدە يانداشتۇرۇپ قۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك زامانىۋى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، شىپاخانا، كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت مەركىزى ۋە گۈللۈك مەيدان قاتارلىق پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ كۆچۈرۈلگەن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى؛ كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىلەرنى تۇرۇپ قالىدىغان، مۇقىم تۇرىدىغان، بېيىيالايدىغان قىلدى... مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتەك ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىپ چىقىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈشتىكى ئېنىقسىزلىقنى تۈگىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى بايقىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ بىر تەرەپتىن كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئىنچىكە، ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئېغىر نامراتلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن مەخسۇس تۈر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساھەلەر نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2014 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 2 مىليون 314 مىڭ 700 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 2131 كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، 13 نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى تاشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %19.4 تىن 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %6.1كە تۆۋەنلىگەن. ياردەم بېرىش - يۆلەش كۈچى بارغانسېرى يېتەرلىك بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش، بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغان.

ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەر قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىنىڭ تەسىس قىلىنغىنىغا پەقەت بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش جەريانى ئىنتايىن تەس بولدى. مەسىلەن، شۇ جايدىكى ئامما ئوتلاققا تېخىمۇ يېقىن بولۇش، تېخىمۇ ياخشى تېرىلغۇ يەر بولۇش، ئەڭ ياخشىسى يەكەن دەرياسى بويىدا تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى ئارزۇ قىلاتتى. قانداق قىلغاندا ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ھۆرمەت قىلغىلى بولىدۇ؟ غايەت زور ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئۆلچەش خىزمىتى ئالدىدا، كۆچۈپ چىقىرىلىدىغان جايدىكى كادىرلار قەھرىتان سوغۇققا قارىماي نەق مەيدانغا باردى ھەم ئۈچ قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئادىل، ئاشكارا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ باشقا جايغا كۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە جەمئىي بەش ئورۇننى تاللاش لايىھەسى شەكىللىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇڭئەن يېزىسىنىڭ ھازىرقى ئورنى بېكىتىلدى؛ كۆچۈرۈش يولى راۋان بولمىغاچقا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ يول ئىزدىدى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ يول ياسىدى... بۈگۈنكى تۇڭئەن يېزىسىدا، بالىلار تېخىمۇ ياخشى مائارىپتىن بەھرىمەن بولدى، ياشلار تېخىمۇ رازى بولىدىغان خىزمەتكە ئېرىشتى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك مۇھىتنى كۈتۈۋالدى، ھەممە ئىشلار تېخىمۇ ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى.

كەڭ كادىرلار، ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پەقەت بىر باشلىنىش بولۇپ، ئەمدى يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يېتىلدۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كىرىمنى ئاشۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسى «قىزىرىپ»، «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» تۈرى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندى، «بىڭتاڭشىن» پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلدى؛ بىپايان قۇم دېڭىزى يېشىللىققا پۈركەندى، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسىنىڭ قۇملۇق ئىچكىرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق يېڭى كەنتىدە، ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ياردەم بېرىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتى؛ قاقاس تاغلاردا يوللار تۇتاشتۇرۇلدى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ۋاچا يېزىسىدىكى پەنلۇڭ قەدىمىي يولى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ بېيىش يولىغا ئايلاندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، شىنجاڭنىڭ ۋەزىپىسى مۈشكۈل. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىگە ئەمەل قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» چىڭ تۇتۇلسىلا، شىنجاڭ چوقۇم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىيالايدۇ. ھەر مىللەت خەلق قول تۇتۇشۇپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلسىلا، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

(ئاپتور خەلق گېزىتى مۇخبىرى، ھازىر شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتىدۇ) (12 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى