تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قوشۇش، ئېلىش ئۇسۇلى»نى ياخشى ئىشلەش  شىنجاڭنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش

    12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچىگە جايلاشقان يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. بۇ قار تېيىلىش مەيدانى خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەلا سۈپەتلىك قار تېيىلىش يولى ۋە مۇكەممەل يانداش ئەسلىھەلەرگە ئىگە بولۇپ، ھەر يىلى قار پەسلىدە نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىدۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل، شىنجاڭ ساياھەت مۇھىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى، بولۇپمۇ «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» «ئۈچ ناچار بولۇش، بىر قالايمىقان بولۇش» «نامۇۋاپىق تۆۋەن باھالىق ساياھەت» قاتارلىق 13 جەھەتتىكى مەسىلىنى چۆرىدەپ مەركەزلىك تۈزىدى ۋە ئۆستۈردى، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

«بۇ يىل، بىز 300 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەسىنى ياخشىلىدۇق، مەنزىرە رايونى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەنزىرە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتىن باشقا، نۇقتىلىق قىلىپ ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزىدىن يەتتىنى، ساياھەت رايونى ھاجاتخانىسىدىن 27نى يېڭىدىن سالدۇق، ئۆزگەرتتۇق» دېدى توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم چياۋ شۆگاڭ تونۇشتۇرۇپ.

يىل بېشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن يىللىق «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ۋەزىپە تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى ھەرقايسى جايلاردا تۇرۇپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇشقا تەشكىللىدى. نۆۋەتتە، بۇ يىل 527 ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى، 100 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، 36 ماي قاچىلاش پونكىتى، 95 خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

«قوشۇش ئۇسۇلى»نى ئىشلەش بىلەن بىللە «ئېلىش ئۇسۇلى»نىمۇ ئىشلىدى، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت بازىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى. بۇ يىل 10 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قاتتىق تۈزەشتىكى 12 تۈرلۈك تەدبىرنى ئېلان قىلىپ، ساياھەت تىجارەت ئاپپاراتلىرى، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى، ساياھەت ئەسلىھەلىرى مۇلازىمەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئېنىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ساياھەت تىجارەتچىلىرىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

«<ئۆمەك ھەققى ئالماسلىق> <ساياھەتچىلەرنى ئالداش، ساياھەتچىلەرنى قاقتى - سوقتى قىلىش> قاتارلىق ساياھەت ساھەسىدىكى قالايمىقان ھادىسىلەر ئاپتونوم رايونىمىزدا چەكلىنىپ، ساياھەت مۇھىتى، بازار تەرتىپى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سېلىندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ.

بۇ يىل 11 - ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 394 (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز بەش مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجە سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى، ئۈچ مەنزىرە رايونىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، توققۇز مەنزىرە رايونىنى چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ نازىرى يۈسۈپجان مەمەت مۇنداق بىلدۈردى: A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىغا قارىتا «كىرەلەيدىغان - چىقالايدىغان، يۇقىرىغىمۇ چىقالايدىغان، تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان» بولۇشتەك ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۆلچەم بويىچە ئاڭلىق ھالدا مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

بۇ يىل 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەت ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11 - ئايدا ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرى ھەم مۇلازىمەتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى %98.62كە يېتىپ، 10 - ئايغا قارىغاندا يەنە %1.67 ئۆسكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى