تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بۇ كەلسە كەتكۈسى كەلمەيدىغان جاي»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

«ئەگەر مۇۋاپىق ئورۇن بولسا، مەن بۇ يەردە قالىمەن، ۋاقتى كەلگەندە ئۆيۈمدىكىلەرنىمۇ ئەكېلىۋالىمەن.» 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، كەلگۈسىدىكى پىلانى ئۈستىدە توختالغاندا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان تاجىكىستانلىق ئوقۇغۇچى دودۇخدۇي بوينەزەر كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

دودۇخدۇي جۇڭگو تىلى ئۆگىنىشتە، ئەڭ دەسلەپتە ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىدىغان تاغىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 2007 - يىلى تاغىسى ئۇنى جۇڭگو شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەنىدى، قىسقىغىنا ئۈچ ئاي ۋاقىتتا، دودۇخدۇي ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ قىزغىن، مېھماندوست شەھەرنى ياقتۇرۇپ قالدى. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتا - ئانىسىغا جۇڭگودا ئوقۇغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ھەم ئىككى يىلدىن كېيىن شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى.

دودۇخدۇي مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم قويغان ئاشۇ چاغدا، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان جۇڭگو تىلى ئۇنچە «يېقىملىق» بىلىنمىدى. «تۇنجى يىلى ئاۋۋال تىل ئۆگەندۇق، شۇ چاغدا ئاندىن جۇڭگو تىلىنىڭ، بولۇپمۇ خەنزۇچە خەتنىڭ بەك تەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بىر مەۋسۇمدىن كېيىن ئۆزۈمنى ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەندەك ھېس قىلىپ بىر مەھەل ۋاز كەچمەكچى بولدۇم» دېدى دودۇخدۇي ئەينى يىللاردىكى بەڭباشلىقىنى ئەسلەپ. ھېلىمۇ ياخشى ئاتا - ئانىسى ئۇنى يەنە بىر يىل سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرغاچقا، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى گۈزەل مىنۇتلارنى قولدىن بېرىپ قويمىدى.

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە، خېلىلا تىل ئاساسىغا ئىگە بولغان دودۇخدۇي نۇرغۇن يېڭى دوست تۇتتى. كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە، ئۇنىڭ جۇڭگو تىلى سەۋىيەسى ناھايىتى تېز ئۆستى. ئوقۇشتىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان دوستلىرىمۇ دودۇخدۇينىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ رەڭدارلاشتۇردى، دوستلىرى قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئالاھىدە مەززىلىك تائاملارنى تونۇشتۇردى، ئارام ئالغان چاغلىرىدا ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنداق قىلىپ، دودۇخدۇي تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزۈپ يەنە داۋاملىق ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى. «ئوقۇش پۈتكۈزەي دەپ قالدىم، مېنىڭ يەنە داۋاملىق دوكتورلۇقتا ئوقۇغۇم بار. بىلىمنىڭ چېكى يوق، بۇ ئەلۋەتتە بۇ قارارنى چىقىرىشىمنىڭ مۇھىم سەۋەبى، لېكىن بۇ يەردىن ئايرىلىشنى خالىماسلىقىممۇ مۇھىم ئامىل.» دودۇخدۇي مۇنداق دېدى: ھازىر ئۈرۈمچىدە BRT، مېترو، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ ھەممىسى بار بولدى، تەرەققىياتى شۇنچە تېز، شۇنچە ياخشى، يىل بويى بۇ يەردە ئۆگىنىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان چەت ئەللىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنمۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.

«مەن ئۈرۈمچىگە كەلگىلى ئون يىل بولدى، بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدۇم. مەن بۇ يەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ھەم بۇ يەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، ئايرىلىشنى ئويلىسام ھەقىقەتەن كۆزۈم قىيمايدۇ.» دودۇخدۇي مۇنداق دېدى: «بۇ بىرقانچە يىلدا، مەكتەپنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شىنجاڭدىكى باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ پىراكتىكا قىلدىم، يەنە ساياھەت قىلىپ شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم شەھەرلىرىگە باردىم، ھەربىر شەھەردىكى كىشىلەر ناھايىتى سەمىمىي، دوستانە ئىكەن».

شىنجاڭغا بولغان قىيالماسلىق يەنە دودۇخدۇينىڭ بالىلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى. دودۇخدۇينىڭ دېيىشىچە، تۆت بالىسى بار ئىكەن، ئەڭ كىچىكى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپتۇ. ئەڭ چوڭى بۇ يىل ئون ياشقا كىرىپتۇ، ھەمىشە تېلېفوندا شىنجاڭغا كېلىپ جۇڭگو تىلى ئۆگىنىمەن دەيدىكەن. ھازىر دودۇخدۇي بالىلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە تۇنجى بولۇپ پۇتۇڭخۇادا «ياخشىمۇ سىز» دەيدىكەن.

«جۇڭگو شىنجاڭ مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم، بۇ كەلسە كەتكۈسى كەلمەيدىغان جاي. مەن بالىلىرىمنىڭمۇ كېيىن بۇ جاينى ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى دودۇخدۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى