تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئالدىنقى 11 ئايدا ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى

ئالدىنقى 11 ئايدا ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرى خاۋ لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «شاڭخەيلىك خېرىدار ئۈچ يېشىك قۇرۇق مېۋە زاكاز قىلدى، شېنجېنلىق خېرىدار سەككىز يېشىك قۇرۇق مېۋە زاكاز قىلدى...» 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئۇچتۇرپان بازارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ئادىل ئالىم خىزمەتدىشى بىلەن قۇرۇق مېۋىنى يېشىكلەرگە قاچىلىغاچ مال زاكاز قىلىش ئۇچۇرىنى سېلىشتۇردى.

ئادىل خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «يېڭى يىل كېلەي دەپ قالدى، زاكاز بەك كۆپ، پونكىتىمىزنىڭ كۈندىلىك سودا سوممىسى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، قۇرۇق مېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بېيجىڭ ۋە شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە سېتىلىدۇ».

ئۇچتۇرپان بازارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ئامبىرى مېھنەت باغ - ئورمان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تەسىس قىلىنغان. ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئىشچىلار ياڭاقنىڭ پوستىنى ئاجرىتىپ قۇرۇتۇپ، ئايرىپ پىششىقلايدۇ، يەنە زاكاز قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل مەخسۇس خىزمەتچى خادىم بار.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئۇچتۇرپان بازارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى 4 مىليون يۈەندىن ئاشتى، بۇ ئادىل بىلەن مېھنەت باغ - ئورمانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى قۇربان ئەمەتنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى. «ناھىيە يولغا قويغان <ھەمكارلىق كوپىراتىپى+ئېلېكتىرونلۇق سودا + يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى> تىجارەت ئەندىزىسى ھەقىقەتەن ياخشىكەن، بۇ يىل سودا سوممىسى بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون يۈەنگە يېقىن ئاشتى» دېدى قۇربان.

ئادىل كىچىكىدىنلا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرى تۆۋەنكى بوزيەر كەنتىدە چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، شۇ جاينىڭ ياڭىقى ناھايىتى ئەرزان سېتىلىدىغان بولۇپ، بەزىدە ھەتتا سېتىپ چىقارغىلى بولمايتتى. 2015 - يىلى، ئۇ شاڭخەيگە بېرىپ ئوقۇۋاتقاندا، مەكتەپ ئەتراپىدىكى تاللا بازارلىرىدا ياڭاقنىڭ باھاسىنىڭ ناھايىتى قىممەت ئىكەنلىكىنى، سۈپىتىنىڭمۇ يۇرتىدىكى ياڭاقنىڭكىدەك ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىغان.

2016 - يىلى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزا - كەنتلەرگە يەتكۈزۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قىلىپ بېكىتىلىپ، يېزا - كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى - نۇقتىلىرى تولۇق قاپلاش ناھايىتى تېزلا ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ناھىيە بويىچە توققۇز يېزا - بازار دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى، 108 كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە ئىزدىنىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى.

بۇ يىل 9 - ئايدا، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئادىل خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى مېھنەت باغ - ئورمانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تەكلىپ قىلىنىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىگە مەسئۇل بولدى. «مەن يۇرتۇمنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن بۇ قارارغا كەلگەن» دېدى ئۇ.

مۇخبىرنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سودا ئىشلىرى ۋە سانائەت، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ناھىيە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە «ئېلېكتىرونلۇق سودا + ساياھەت» «ئېلېكتىرونلۇق سودا + ئائىلە مۇلازىمىتى» «ئېلېكتىرونلۇق سودا + ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ئېلېكتىرونلۇق سودا + يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى» « ئېلېكتىرونلۇق سودا + يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى + نامرات ئائىلە» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى قوللىنىپ، ئادىلغا ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ يېزا ياشلىرىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىگەن.

«ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش، تور سىرتىدا سىناپ بېقىش شەكلىنى قوللىنىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش ھالقىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى. ئالدىنقى 11 ئايدا، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 495 مىڭ 200 ئېلېكتىرونلۇق سودا تالونى تاماملىنىپ، سودا سوممىسى 30 مىليون 305 مىڭ 700 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.73 ئاشتى. ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئون قارار كۇرس ئېچىلىپ 2259 ئادەم تەربىيەلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 802 ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە 1081 ئادەم يېتىشتۈرۈلدى» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سودا ئىشلىرى ۋە سانائەت، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى جاڭ نەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى