تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى سېرجان ئۇغۇباي

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئوچۇق - ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە ئەسلا كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1990 - يىلىدىن 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا جەمئىي نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرىنى سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كۈچلۈك ساداسى ئالدىدا، شىنجاڭ «بىر قولدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىش ۋە تەربىيەلەش - يېتەكلەش خىزمىتىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش مۇھىتى ۋە تۇپرىقىنى كۈچەپ تۈپتىن يوقاتتى. قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار كىشىلەرنى تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى كۈچىيىپلا قالماي، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى ئېنىق تونۇدى، يەنە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۈرلۈك ئەمەلىي تېخنىكىنى ئىگىلىدى. مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان يەتتە نەپەر تەربىيەلەنگۈچى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم. دىلبەر تاھىر ئىسىملىك تەربىيەنى تاماملىغان بىر تەربىيەلەنگۈچى ئىلگىرى ئۆزى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئاچقان، توي قىلغاندىن كېيىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دۇكىنىنى تاقىۋەتكەن، تۇرمۇشىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۇ بىردىنلا ئويغانغان، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ھەقىقەتەن كىشىگە كۆپ زىيان سالىدىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىغا دەخلى يەتكۈزگەن، تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تەربىيەسى ۋە قۇتقۇزۇۋېلىشى بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ ھاياتى نابۇت بولاتتىكەن. ھازىر ئۇ يېڭىدىن بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىپ، ھەر ئايدا 6000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان بوپتۇ، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈۋېتىپتۇ. تەربىيەنى تاماملىغان باشقا ئالتە تەربىيەلەنگۈچىنىڭ بەزىلىرى ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپتۇ، بەزىلىرى كارخانىدا ئىشچى بوپتۇ، ھەممىسى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن بىلىمى ۋە تېخنىكىسىغا تايىنىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ قۇتقۇزۇۋالغانلىقى ۋە تەربىيەلىگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىشتى.

ئاياغنىڭ پۇتقا دەل كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى پەقەت كىيگەن ئادەملا بىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقىدا باشقىلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب. ھازىر، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى، 2018 - يىلى، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.1 ئاشتى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.6 ئاشتى. ساياھەتچىلىكتە شىددەت بىلەن ئېشىش نامايان بولدى، 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىدىن جەمئىي 200 مىليون ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئاشتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈردى.

ئامېرىكا تەرەپ «كىشىلىك ھوقۇق»نى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھە دەپ قوش ئۆلچەم قوللاندى، ئۇنىڭ مەقسىتى جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىشىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتۇر، بۇنى 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايدۇ. بۇ يەردە، مەن ئامېرىكا تەرەپنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىمىز ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىمىزنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.