تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مانا بۇ بەختلىك تۇرمۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك ھالەت

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى شىڭ، شيې خۈيبيەن

12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، چېرا ناھىيە بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ بىر ئاپتوموبىل رېمونتخانىسىدا، ئىش كىيىمى كىيىۋالغان 24 ياشلىق ئەخمەتجان بالون ياماۋاتاتتى. ئۇ ئۇستىلىق بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ چاقىنى چىقىرىپ، كامېرنى قاسقاندىن ئاجراتتى، تېشىلگەن يەرنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن، ياماپ، تەكشۈرۈپ بالوننى قايتىدىن سېلىپ، ئاپتوموبىلغا ئورناتتى، پۈتكۈل جەريان تېزلا ئاياغلاشتى.

«ياخشىمۇ سىز!» مۇخبىرلار تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ئەخمەتجان بىلەن سالاملاشتى. ئۇ پەلىيىنى سېلىۋېتىپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە «ياخشىمۇ سىز» دەپ جاۋاب بەردى، ئاۋازى جاراڭلىق، ئۇرغۇلۇق ئىدى.

بۇ شاگىرتنى كۆپچىلىك ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ماختىشىدۇ

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ بېشىدا، ئەخمەتجان بۇ ئاپتوموبىل رېمونتخانىسىغا كېلىپ ئىشلىدى، ھازىر يېرىم يىلدىن ئاشتى. بۇ مەزگىلدە، ئەخمەتجان ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشتىكى بىر قىسىم ئاساسىي تېخنىكىلارنى، مەسىلەن، بالون ياماش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى پىششىق ئىگىلىدى، ھەرخىل ئاپتول، زاپچاسلارنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن پىششىق تونۇشتى. خېرىدار كېلىپ ئاپتوموبىل رېمونت قىلدۇرماقچى ياكى ئاپتول سېتىۋالماقچى بولسا، ئەخمەتجان بىمالال كۈتۈۋالالايدىغان بولدى.

رېمونتخانىدا خوجايىن ئەر - خوتۇندىن باشقا، يەنە تېخنىك ۋە پۇل يىغقۇچى بار، كۆپچىلىكنىڭ ئەخمەتجانغا بەرگەن باھاسى يامان ئەمەس. خوجايىن ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي: «بۇ يىگىت ناھايىتى تىرىشچان، ھەم بەك ئەقىللىق. ھەر كۈنى ناھايىتى ئەتىگەن دۇكانغا كېلىدۇ، دائىم ئىشنى تالىشىپ قىلىدۇ، خېرىدار كەلسە ئۇ ئەتراپلىق كۈتۈۋالىدۇ، ماڭا كۆپ ياردەملەشتى» دەپ ماختىدى. تېخنىك بىلەن ئەخمەتجان ئىنتايىن چىقىشىپ ئۆتىدىكەن، «ئەخمەتجان بەك تىرىشچان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، بىلمىگەن يەرلىرى بولسىلا مەندىن سورايدۇ، يەنە دائىم ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقىغا ئائىت كىتابلارنى كۆرىدۇ.» بىر قېتىم ئۇ ئىككىيلەن ئاپتوموبىل رېمونت قىلىۋېتىپ بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن، ئەخمەتجان تورغا چىقىپ ماتېرىيال ئىزدەپ، تېلېفون ئۇرۇپ ئۇستىلاردىن مەسلىھەت سورىغان، ئىككىيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، مەسىلە ئاخىرى ھەل بولغان.

رېمونتخانىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، گەرچە شاگىرت بولسىمۇ، ئەمما ئەخمەتجان ھەر ئايدا 3000 يۈەنگە يېقىن مائاش ئالالايدىكەن. «كېيىن مەن ئۇستا بولۇپ يېتىشىپ رەسمىي تېخنىك بولسام مائاشىم يەنە ئۆسىدۇ.» ئەخمەتجاننىڭ خۇشال ھالدا ئېيتىشىچە، كىرىمى بولغاندىن كېيىن ئۇ ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزۈپتۇ، ئۇلارغا يەيدىغان ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ، ئىككى ئىنىسىغا كىتاب ئېلىپ بېرىپتۇ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپتۇ. ھازىرقى كىرىمىنى ئۇ ئىلگىرى دېھقانچىلىق قىلغان ۋاقىتتا ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىكەن.

ئىلگىرى كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ بارغانسېرى بېكىنىپ ياشىغان

ئۆتمۈشى تىلغا ئېلىنسىلا، ئەخمەتجان توختىماي بېشىنى چايقايدۇ. «ئۇ ۋاقىتلاردا نېمە ئويلىغانلىقىمنى راستىنلا بىلمەيمەن، ناخشا ئېيتمايتتىم، ئۇسسۇل ئوينىمايتتىم، باشقىلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغىنى كۆرسەم ناھايىتى ئاچچىقلىناتتىم، يەنە قوپاللىق بىلەن ئۇلارنى توسۇيتتىم».

ئەخمەتجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ناخشا ئېيتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىكەن، دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن جەم بولسا، توي - تۆكۈنگە بارسا، ئۇ دائىم ئۇسسۇل ئوينايدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەخمەتجان ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق قىلىپ، ۋاقتى بولسىلا دوستلىرى بىلەن ۋاسىكېتبول، بىليارت ئوينايدىكەن. ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشىدىكى سەۋەب بىر قېتىملىق يىغىلىشقا قاتناشقان ۋاقتىدا، بىرەيلەن ئۇنىڭغا ھەقىقىي «مۇسۇلمان» تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئاشۇ كىشىلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلسا تېخىمۇ بولمايدۇ، دېگەن. ئەخمەتجان ئاستا - ئاستا قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى توغرا دەپ قاراپ، بىر قىسىم دوستلىرىدىن يىراقلاشقان، يەنە كەنتتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتناشمىغان، ئۆيدىن چىقىشنى خالىمىغان، ئىشلەشكىمۇ رايى بارمىغان، كۈندە بىكار يۈرگەن. ئەخمەتجان بىر مەھەل كەنت كادىرلىرىنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئۇلارنى چەتكە قاققان، بەزىدە ئوغرىلىقچە ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى تاش بىلەن چاققان، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تۆكۈرگەن.

بىر كۈنى، ئۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ تېلېۋىزوردىن ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇلارنى سۆزلىگىلى قويماي تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋەتكەن، يەنە ئاتا - ئانىسىغا: «سىلەر ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەسكەنسىلەر! سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر!» دەپ ۋارقىرىغان. ئوغلىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئاتا - ئانىسى قاتتىق چۆچۈگەن، ئۇلار ئەخمەتجاننىڭ بىنورماللىقىنى ھېس قىلغان.

ئاتا - ئانىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىش ئەخمەتجاننىمۇ ئىنتايىن بىئارام قىلغان، ئۇ كۆڭلىدە ئۆز - ئۆزىدىن بۇ زادى نېمە بولغىنى؟ دەپ سورىغان، ئاتا - ئانىسىنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، ئەخمەتجان كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە تەربىيەلىنىشكە تىزىملىتىپ قاتناشقان.

خىزمەت قىلغاندىن كېيىن كۈنلىرى مەنىلىك ئۆتتى

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەخمەتجاننىڭ مەكتەپتىكى گۈزەل ئەسلىمىسىنى ئويغاتتى. «سىنىپلار يوپيورۇق، پاكىز، ياتاقلارغا يوتقان - كۆرپە ۋە تازىلىق بۇيۇملىرى سەپلەنگەن، ئاشخانىدىكى كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماق ئىنتايىن يېيىشلىك، دەرسخانىدا مۇئەللىملەر مۇلايىم، سۆيۈملۈك.» ئۇ تېزلا بۇ يەردىكى ھەممىنى ياقتۇرۇپ قالدى.

قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇ ئاستا - ئاستا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى تونۇپ يەتتى، ئاندىن ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى چۈشەندى. ئەگەر داۋاملىق شۇنداق كېتىۋەرسە، بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. «ھەقىقەتەن ئادەمگە كۆپ زىيان سالىدىكەن، ھېلىمۇ ياخشى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىپ ۋاقتىدا ئويغىنىپتىمەن.» ئەخمەتجان بۇنى ئويلىسا ھازىرمۇ يۈرىكى جىغىلدايدۇ.

تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، مەركەز كۆپ خىل ماھارەت تەربىيەسى دەرسلىكى تەسىس قىلىپ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا قويدى. كىچىكىدىنلا ئاپتوموبىلغا قىزىققاچقا، ئەخمەتجان ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى كەسپىنى ئۆگىنىشكە قاتناشتى. تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ھازىرقى خىزمەتنى تاپتى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەنلىرى ئەخمەتجاننىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ نىشانىنى تۇرغۇزدى. «دەۋرنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى تېز بولۇۋاتىدۇ، ئاپتوموبىلنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرلىشىش دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى ئومۇملاشتى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتوموبىل ئېلېكتىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى مەخسۇس ئۆگىنىمەن، ياخشى ئۆگىنىمەن، پۇختا ئۆگىنىمەن» دېدى ئەمدىلا شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ بىرىنچى تۈر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بولغان ئەخمەتجان.

ئائىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتا، ئەخمەتجاننىڭمۇ پىلانى بولۇپ، ئۇنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن ئاتا - ئانىسى نىيە قارا توخۇسى باقتى، بۇ يىللىق كىرىمى 6000 - 5000 يۈەن كۆپەيدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاتا - ئانىسى قانداق ئىش بولسا ئەخمەتجان بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ، ئۇنىڭ پىكرىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەخمەتجان ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ توخۇ كاتىكىنى تازىلايدۇ، ئارقىدىن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىنىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ھەمراھ بولىدۇ، ئۇنىڭغا دەرس تەكرارلاپ بېرىدۇ، كۈنلىرى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتمەكتە. «مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەندىم، ھازىر ئىنىمغا مۇئەللىم بولالايدىغان بولدۇم» دېدى ئۇ.

«ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار، پۇلدىن قىينالمايمەن، ھەر كۈنى ئاتا - ئانام ۋە خوتۇنۇمغا ھەمراھ بولىمەن، مانا بۇ بەختلىك تۇرمۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك ھالەت.» ئەخمەتجان بۇ سۆزنى قىلغاندا ئىللىق قۇياش نۇرى ئۇنىڭ چېھرىدە جىلۋىلىنىپ، كۆزلىرىدىن شادلىق ئەكس ئەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى