تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ

جاڭ يۇڭخې

20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى ئۈزۈلمەي يۈزبەردى ھەم ئىچكىرى رايونلاردىكى باشقا جايلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، بىگۇناھ ئامما تېررورىزمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، زور مىقداردىكى مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىدى. كىشىلەر نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قېلىپ، قاتتىق تەشۋىش ئىچىدە قالدى. بۇنداق كەسكىن رېئال تەھدىت ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش شەرتنامىسى رامكىسى ئىچىدە، جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئاساسەن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، تېررورىزمغا زەربە بېرىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئىنتايىن بۇرمىلانغان روھىي ھالەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئېتىبار بىلەن قارىغان بولسا، ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىگە «ئەخلاق ئاتىسى» دەپ تەمەننا قويمىغان بولسا، ئەگەر ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توغرا قارىغان بولسا، ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇنداق ساختا ئالىيجاناب «قانۇن لايىھەسى»نى تۈزمىگەن بولاتتى.

مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 49/60 - نومۇرلۇق قارارىنىڭ تۆۋەن چېكىنى دەپسەندە قىلدى

1994 - يىلى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى يىغىن ئېچىش شەكلىدە «خەلقئارا تېررورىزمنى يوقىتىش تەدبىرلىرى خىتابنامىسى» دېگەن 49/60 - نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللىغان، ئامېرىكا بۇ قارار تەكلىپىنى بەرگەن دۆلەت. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تېررورىزمغا ياتىدىغان بارلىق قىلمىش، چارە ۋە ئۇسۇللارنى، جۈملىدىن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەم دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ئاشۇ قىلمىش، چارە ۋە ئۇسۇللارنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن كەسكىن ئەيىبلەيدۇ، مەيلى قايسى يەردە يۈزبەرسۇن ياكى قانداق ئادەم قىلسۇن، بىردەك جىنايەت بولۇپ ئۇنى ئاقلاشقا بولمايدۇ» ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن ئادەتتىكى ئامما، مەلۇم بىر توپ كىشى ياكى بەزى كىشىلەر ئارىسىدا تېررورلۇق ھالىتى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان ياكى قەستەن پەيدا قىلىدىغان جىنايى قىلمىش مەيلى ھەرقانداق سىياسىي، پەلسەپە، ئىدېئولوگىيە، قوۋم، ئىرق، دىن ياكى ھەرقانداق باشقا خاراكتېردىكى ئوينى باھانە قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق ئەھۋالدا ھېچقاندىقىنى ئاقلاشقا بولمايدۇ» دەپ ئېنىق يېزىلغان. يەنى، خەلقئارا دائىرە ئىچىدە، بارلىق تېررورىزم قىلمىشلىرىغا قارىتا ھېچقانداق ئىككىلىنىش ۋە رەھىم قىلىش مەۋجۇت ئەمەس، خەلقئارا تېررورىزم قىلمىشىغا جاۋابكار كىشى جەزمەن قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك. لېكىن ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى»دە، قانۇنلۇق ئەدلىيە تەرتىپى ئارقىلىق ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ئاشۇ تېررورىزم جىنايەتچىلىرى «سىياسىي جىنايەتچى»گە ئايلىنىپ قالغان، بۇ ھەقىقەتەن خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئاساسىي ئەقەللىي ساۋاتتىن ھالقىغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارىنىڭ تۆۋەن چېكىنى دەپسەندە قىلدى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 49/60 - نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپلىق قىلدى.

سۈنئىي ئەخلاق ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش

مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى»نىڭ بايانى يامان نىيەت بىلەن تولغان. پۈتكۈل «قانۇن لايىھەسى»گە نەزەر سالساق، ئامېرىكا ئالدى بىلەن دۆلىتىمىز زەربە بەرگەن تېررورىزمنى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن باغلىۋالغان.

جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، 12 تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويدى ياكى قاتناشتى، جۇڭگو يەنە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى تۈزۈپ، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى ۋە ئۇلارنى مۇكەممەللەشتۈردى. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدىكى تەييارلىق قىلمىشىنى يۈرگۈزۈلگەن قىلمىش دەپ قاراش زور دەرىجىدە ئالغا سىلجىتىلدى. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 120 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدا تېررورىزمنى، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىش، تېررورلۇق پائالىيىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە ئۇنى سادىر قىلىش جىنايىتى بەلگىلەنگەن ھەمدە 120 - ماددىسىنىڭ 6 - تارمىقىدا تېررورىزمنى، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىلكىدە ساقلاش جىنايىتى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تېررورىزمغا زەربە بېرىش بىلەن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى قوللىنىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ پائال ئالدىنى ئالدى؛ جۇڭگو يەنە كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەدلىيە سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئاز ساندىكى ئېغىر جىنايى قىلمىشى بار تېررورىزم، ئەسەبىزم ئۇنسۇرلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىدى، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، يېنىكرەك تېررورىزم، ئەسەبىزم پائالىيىتى بار كۆپ ساندىكى كىشىنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، قىسقا مەزگىللىك ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىدىغان جازانىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلاندى. جۇڭگو تېررورىزم، ئەسەبىزمنى مۇئەييەن دۆلەت، رايون، قوۋم، مىللەت، دىن بىلەن چېتىۋېلىشقا قارشى تۇردى، رايون، مىللەت، دىننى ئاساس قىلغان بارلىق كەمسىتىش خاراكتېردىكى ئۇسۇللارنى چەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللىي ئۆرپ - ئادەتكە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇردى. قىسقىسى، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشى باشتىن - ئاخىر تېررورىزم، ئەسەبىزم قىلمىشىنىڭ ئۆزىگە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرغانلىق، ھەرگىزمۇ رايون، مىللەت ۋە دىننى باھانە قىلغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك قىلمىش ئەمەس. جۇڭگو ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز دۆلىتىدە تېررورىزمغا، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى ھەرقانداق قارارىغا تامامەن ئۇيغۇن، جۇڭگونىڭ تۈرلۈك قانۇن - نىزاملىرىغا ئۇيغۇن، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئامېرىكىنىڭ كەلسە - كەلمەس قول تىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان ئۇسۇلى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، ئامېرىكا ئەخلاق ئېگىزلىكىنى ئىگىلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئەخلاق كەمسىتىش زەنجىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش، جۇڭگونى مالىمان قىلىش مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭلىگە ئايان

ئامېرىكا داۋالغۇۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنى ياخشى كۆرىدۇ، داۋالغۇۋاتقان، قالاق ۋە نادان جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكا ئەڭ قوبۇل قىلالمايدىغان رېئاللىق، بۇ نۇقتىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. شۇڭا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى قانداق توسۇش ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CGTN) «جۇڭگو شىنجاڭ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى» ناملىق ئىنگلىزچە ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسەتتى، بەزى قانلىق كۆرۈنۈشلەر تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى. ئون يىلدىن بۇيان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مەن شىنجاڭغا كۆپ قېتىم بېرىپ، CGTNدا كۆرسىتىلگەندىنمۇ بەكرەك قانلىق كۆرۈنۈشنى كۆرگەن. مەن ئىلگىرى ئالاقىدار زاتلاردىن نېمىشقا بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ تېررورلۇق قىلمىشىدىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارغا تېررورىزمنىڭ رەھىمسىزلىكىنى بىلدۈرمەيسىلەر، دەپ سورىغانىدىم. مېنىڭ ئېرىشكىنىم بۇ كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلسە كۆپچىلىكنى بىئارام قىلىشى، يامان تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دېگەن ئىنتايىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بېرىلگەن جاۋاب بولدى.

ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەسلا بىلگۈسى يوق، ئۇلار شىنجاڭغا نىسبەتەن «ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى»دا تۇرۇۋېرىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ، «مۇۋاپىق گۇمان» «خاتا پەرەز» قىلىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى روشەنكى «ئامېرىكا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگۈچىلەرنىڭ نېرۋىسىغا تەگدى، ئۇلار بۇ پاكىتنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. شۇڭا جۇڭگودا مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەمدە چېگرا سىرتىدىكى تېررورىزمغا يانتاياق بولۇش مۇقەررەركى ئامېرىكىنىڭ بىردىنبىر تاللىشى، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ «رەزىل نىيىتى» «ھەممىگە بەش قولدەك ئايان».

(ئاپتور غەربىي جەنۇب سىياسىي - قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى، پىروفېسسور) (2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى «نۇر گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.