تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2481 ئېغىر نامرات كەنتتە ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تاماملاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، قەشقەر ئازادباغ 35 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، بۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 33 نامرات ناھىيەدىكى 2481 ئېغىر نامرات كەنتتە ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تاماملانغان. بۇ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملانغانلىقىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «توك ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش»تىن «توكنى ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش»قا يۈزلىنىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، 2018 - يىلى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى»نى تۈزدى ھەم 2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى.

مۇددىتى بىر يىل توققۇز ئاي بولغان قۇرۇلۇش جەريانىدا، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جەمئىي 110 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 27سى، تەخمىنەن 728.7 كىلومېتىر 110 كىلوۋولتلۇق سىم يولى، 35 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 25ى، تەخمىنەن 437.29 كىلومېتىر 35 كىلوۋولتلۇق سىم يولى، 10 كىلوۋولتلۇق توك تەقسىملىگۈچى تىرانسفورموتوردىن 4532سى، تەخمىنەن 5400 كىلومېتىر 10 كىلوۋولتلۇق سىم يولى، تەخمىنەن 7700 كىلومېتىر تۆۋەن بېسىملىق سىم يولى يېڭىدىن قۇرۇلدى ۋە ئۆزگەرتىلدى، 316 مىڭ ئائىلىدىكى توك سائىتى ئۆزگەرتىلدى. ھازىر، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 270 تۈرىدە ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تولۇق تاماملىنىپ، پىلاندىكىدىن يېرىم يىل بۇرۇن ئورۇندالدى.

يوپۇغا ناھىيەسى تېرىم بازىرى يېڭىئۆستەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قادىر مامۇت بۇ يىل ئېتىزىنى سۇغىرىشتا ئېلېكتىر كۈچى ئارقىلىق سۇ تارتىپ سۇغاردى. تېرىم بازىرىدىكى نۇرغۇن ئېتىز ئېلېكتىر كۈچىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، پەقەت دىزېل موتور ئارقىلىق سۇ تارتىلىپ سۇغىرىلاتتى، نۇرغۇن ئادەم كۈچى سەرپ قىلىنىپلا قالماي، دىزېلنىڭ تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى.

بۇ يىل يېڭىئۆستەڭ كەنتى ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرانسفورموتورنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش، ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ دىيامېتىرىنى توم قىلىش، ئېلېكتىر مەنبەسى نۇقتىلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ كەنتنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشتىكى ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇپ، شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى يېتەرلىك ئېلېكتىر كۈچى كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

«بۇ يىل بىزنىڭ كەنتنىڭ ئېلېكتىر تورى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېتىزلارنى سۇغىرىشتا ئېلېكتىر كۈچى ئارقىلىق سۇ تارتىپ سۇغىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سۇغىرىش تەننەرخى بىراقلا %12 ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى» دېدى قادىر.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى