تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 346 مىڭ 200 نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى

ئىچىدىغان سۇ تىپىدىكى فىتورنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى پۈتۈنلەي ھەل قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، يورۇق چوڭ ئېكراندا زىچ نۇقتىلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. «بىز ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ چىقتۇق، بۇ يىل شىنجاڭ جەمئىي 346 مىڭ 200 ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لۇ شياۋشىن.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى مەكتەپتە، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى رەيھانگۈل مەمتىمىن بالىلارنىڭ ئوينىشىغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى. ئويناپ ھېرىپ كەتكەن بالىلار تەبىئىيلا ئىستاكانلىرىدىكى پاكىز سۇنى گۈپۈلدىتىپ ئىچتى.

«بىز بۇ يىل پۈتۈن گەۋدە بويىچە كۆچۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ بىرى شۇكى، پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان بولدۇق». رەيھانگۈل مۇنداق دېدى: «بۇرۇنقى كونا كەنتتە، بالىلارنىڭ فىتور مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن سۇنى ئىچكىنىنى كۆرۈپ، مەن بەك ئەندىشە قىلاتتىم، ھازىر خېلى يېنىكلەپ قالدىم».

دەريا بويى يېزىسىلا ئەمەس، 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا 31 مىڭ 600 ئادەمنىڭ ئىچىدىغان سۇ تىپىدىكى فىتور ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى پۈتۈنلەي ھەل قىلىندى.

كەلپىن ناھىيەسىدە، تۇرۇبا يولى ئارىلاشتۇرغۇچ، مېخانىكىلىق تالاسىمان ئۇيىما كۆلچىكى، تىندۇرۇش كۆلچىكى، D شەكىللىك سۈزۈش كۆلچىكى ۋە سۈزۈك سۇ كۆلچىكى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، بىخەتەر تۇرۇبا سۈيى تۇرۇبا ئارقىلىق مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە ئېقىپ كىرىدۇ. «بۇلارنىڭ ھەممىسىگە دۆلەت مەبلەغ سالغان، كىشى بېشىغا 10 مىڭ يۈەندىن توغرا كېلىدۇ.» كەلپىن ناھىيەلىك شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى غېنى ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: «ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئارقىلىق، سۇ سۈپىتىنىڭ ھەممىسى ئۆلچەمگە يەتتى، سۇ مىقدارىمۇ لايىھەدىكى نىشانغا يەتتى، پۈتۈن ناھىيەدىكى 56 مىڭ ئادەمنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى پۈتۈنلەي ھەل قىلىندى».

بىخەتەر سۇ ئىچىش كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. «كەلپىن ناھىيەسىدىكى سۇنىڭ مىنېرال ماددا مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، نۇرغۇن ئادەم بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، سۈيدۈك نەيچىسىدە تاش پەيدا بولۇش، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان.» بۇ ناھىيەدىكى يۇرچى يېزىلىق شىپاخانىنىڭ شىپاخانا باشلىقى سۈن لىپىڭ مۇنداق دېدى: «بىز تۇنجى قېتىم ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، كەلپىن ناھىيەسىدىكى %20كە يېقىن ئادەمنىڭ تۈرلۈك تاش پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىدۇق! بۇ يىل 6 - ئايدا، پۈتۈن ناھىيە بويىچە قانات يايدۇرۇلغان 4 - قېتىملىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە، تاش پەيدا بولۇش كېسىلىنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتىنىڭ %20 ئازايغانلىقىنى بايقىدۇق، داۋالانغىلى كېلىدىغان ئاغرىقلارمۇ كۈندىن - كۈنگە ئازايدى!»

پەيزاۋات ناھىيەسىدە، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %84ىنى ئىگىلىدى. گەز دەرياسىدىن ئېقىپ كەلگەن قار - مۇز سۈيى بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق تۈجۈپىلەپ بىر تەرەپ قىلىنىپ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتكەندىن كېيىن، تۇرۇبا يولىدا ئېغىرلىق كۈچى تىپىدىكى سۇ يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق قەشقەر شەھىرى، پەيزاۋات ناھىيەسى قاتارلىق بىر شەھەر، تۆت ناھىيە ۋە بىڭتۇەن 3 - شىسىنىڭ قىسمەن تۇەن - مەيدانلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈلىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي تاماملانغاندىن كېيىن، سۇ بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، تۈر رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، يەرلىك كېسەللەرنىڭ كۆرۈلۈشى ئازىيىدۇ.

2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدىن 116 تۈر تاماملىنىپ، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، سۇ مەمۇرىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماق قاتارلىقلارنىڭ ساھەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلارنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، سۇ مەنبەسى رايونلىرى ئومۇميۈزلۈك، پائال، قاتتىق قوغدالدى. «بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ پائال ئىلگىرىلىشى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى