تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پۇل سىياسىيسى «ئامېرىكىچە دېموكراتىيە»نىڭ ساختا قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى

پۇل سىياسىيسى «ئامېرىكىچە دېموكراتىيە»نىڭ ساختا قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى «پۇل سىياسىيسى <ئامېرىكىچە دېموكراتىيە>نىڭ ساختا قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، پۇل سىياسىيسىنىڭ ئامېرىكا سىياسىيسىدا قارمۇقارشىلىق ئۆتكۈر، جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشى ئېغىر بولۇشتىكى مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايلار قاتلىمىنىڭ ئامېرىكا سىياسىيسىغا بولغان تەسىرى بارغانسېرى كۈچەيدى، ئادەتتىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەسىر كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلاشتى، پۇل سىياسىيسى ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ساختا بىر تەرىپىنى ئاشكارىلىدى.

«پۇل − سىياسىينىڭ ئانا سۈتى» دېگەن كەڭ تارقالغان بۇ بىر جۈملە تەبىر ھازىرقى زامان ئامېرىكا سىياسىيسىنىڭ ماھىيىتىنى دەل جايىدا ھەم ئۆتكۈر ئېچىپ بەردى. ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇل ئامېرىكا سىياسىيسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا لىق تولغان بولۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى يوقاتقىلى بولمايدىغان جاھىل كېسەل بولۇپ قالدى.

سايلام جەھەتتە، ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىيسى سايلامنى بايلار قاتلىمىنىڭ «يالغۇز كىشىلىك ئويۇنى»غا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ماقالىدە مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: 21 - ئەسىردىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ سايلام خىراجىتى 2004 - يىلىدىكى 700 مىليون دوللاردىن تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ 2012 - يىلىدىكى 2 مىليارد دوللارغا يەتكەن. 2016 - يىلى، زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە دۆلەت مەجلىسى سايلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ئومۇمىي سايلىمىغا جەمئىي 6 مىليارد 600 مىليون دوللار كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت سىياسىي سايلام بولۇپ قالغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن مەخپىي مەبلەغ ۋە «يوشۇرۇن پۇل»مۇ ئامېرىكىنىڭ سايلام پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى ئاخبارات تورىنىڭ 2018 - يىلىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پايدا ئالمايدىغان كۆپ ساندىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئەمدى ئىئانە مەنبەسىنى دوكلات قىلىشىنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى سايلام مەبلىغىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتكەن. تاشقى تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت مەجلىسى سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭ %40ىدىن كۆپرەكىگە مەخپىي ئىئانە قىلغۇچىلار ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن ئىكەن.

ماقالىدە مۇنداق قارالدى: ئامېرىكا پۇل سىياسىيسىنىڭ ئاقىۋىتى يامان بولۇپ، ئادەتتىكى پۇقرالارنى سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئەتتىن مەھرۇم قىلدى؛ ھۆكۈمەتتىكى مەنسەپلەرنى بايلار ۋە يۇقىرى قاتلام سىنىپىدىكىلەرگە تەئەللۇق نەرسە قىلىپ قويدى؛ ئوچۇقتىن - ئوچۇق بايلارغا مەنپەئەت يەتكۈزدى؛ قورال - ياراغ زوراۋانلىقى قاتارلىق جىددىي سىياسىي، جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

ماقالىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۇل سىياسىيسى ئامېرىكا كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمى بۇرژۇئازىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سىياسىي شەكىل، شۇڭا مۇقەررەر ھالدا كاپىتالىستلارنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، بۇنداق تۈزۈم لايىھەسىدە، ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن سىياسىي ھوقۇقنىڭ باغلىنىشى تەبىئىي ئەھۋال بولۇپ، پۇل ناھايىتى ئاسانلا پارتىيە سىياسىي «زەنجىرى»نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ، ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيەنىڭ نامزاتلىرى بۇرژۇئازىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشاش بولمىغان گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرىلا خالاس.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۇل سىياسىيسى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا ئىزچىل ئۆزىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ «ئۈلگىسى» دەپ پەش قىلىپ كەلدى، لېكىن ھەممە يەرنى قاپلىغان، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان پۇل سىياسىيسى ئامېرىكىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېچىپ تاشلىدى. سىياسىينى پۇل ئىدارە قىلىدىغان ئامېرىكىدا پۇل بولمىسا سىياسىيغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى بارلىق مۇلاھىزىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ، پۇل سىياسىيسى «ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق»نى رەھىمسىزلەرچە دەپسەندە قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى