تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بىر تال نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇرى ئېلىپ كەلگەن مىليون يۈەنلىك زاكاز تالونى

ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ لۇ، ياڭ لېي

«جاڭ شۇجى، بۇ 168 مامۇق كىيىم مېنىڭ ئازراق كۆڭلۈم، كەنتتىكى بالىلارنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدىكى دۇڭ گۈيفاڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى يار بېشى كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى جاڭ شىنغا يەنە بىر قېتىم تېلېفون ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يار بېشى كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. يېقىندا، دۇڭ گۈيفاڭ بىر تال نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇرىنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن يار بېشى كەنتىگە كېلىپ، كەنت بىلەن مىليون يۈەنلىك ياڭاق زاكاز تالونى ئىمزالاپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچ قوشقان.

بۇ ئىشنى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۇڭ گۈيفاڭ ئۇزۇن يول ئازابىنى تارتىپ ياربېشى كەنتىگە كېلىپ، كەنت كادىرىنىڭ باشلىشىدا، ئۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەت رايونىغا قاراپ ماڭدى، خىزمەت رايونىغا كىرىپلا يۇقىرى ئاۋازدا جاڭ شىننىڭ ئىسمىنى توۋلىدى.

«مېنىڭ ئىسمىم دۇڭ گۈيفاڭ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدىن ياڭاق سېتىۋېلىش ئۈچۈن جاڭ شۇجىنى ئىزدەپ كەلدىم!» دۇڭ گۈيفاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسىغا ئۆزىنىڭ كېلىش مەقسىتىنى تونۇشتۇردى.

ھەش - پەش دېگۈچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان جاڭ شىن ئىشخانىسىغا ئالدىراش قايتىپ كەلدى. دۇڭ گۈيفاڭ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، «ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: ياڭاقنى دەسلەپكى پىششىقلاپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى» ناملىق ماقالىنى ئىزدەپ تېپىپ جاڭ شىنغا كۆرسەتتى. «قاراڭ، مەن مۇشۇ ماقالىنى كۆرۈپ، ياڭاق سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىزنى ئىزدەپ كەلدىم!» دېدى دۇڭ گۈيفاڭ.

ئەسلىدە، دۇڭ گۈيفاڭ بىر ئىمپورت - ئېكسپورت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئىزچىل قۇرۇق مېۋە - چېۋە ئېكسپورت سودىسى قىلاتتى، بۇ يىل ئۇ چەت ئەل بىلەن بىر زاكاز تالونى ئىمزالاپ، بىر تۈركۈم ياڭاق سېتىۋېلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى. ئىلگىرى ياڭاق سېتىۋېلىش كەسىپلىرى بىرقەدەر ئاز بولغانلىقتىن، ئىزچىل خاتىرجەم بولغۇدەك مال مەنبەسى بولماي كەلگەنىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىق رايونى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، توردا ئۇچۇر ئىزدەۋېتىپ، يار بېشى كەنتىنىڭ ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئالغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرنى كۆرۈپ، يەنە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كېپىل بولسا، ياڭاقنىڭ سۈپىتىدە جەزمەن مەسىلە چىقمايدۇ دەپ قاراپ، دەرھال ئىزدەپ كەلگەنىدى. «قەيەردىن ياڭاق زاكاز قىلسام ئوخشاش، لېكىن يار بېشى كەنتىنىڭ ياڭىقىنى سېتىۋالساق بۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئازراق ئىش قىلىپ بەرگەن بولىمىز، شۇڭا مەن بۇ يەرنى تاللىدىم» دېدى دۇڭ گۈيفاڭ.

دۇڭ گۈيفاڭنىڭ كېلىش مەقسىتىنى ئۇققاندىن كېيىن، جاڭ شىن تولىمۇ خۇش بولدى، ئۇ دۇڭ گۈيفاڭنى باشلاپ، يار بېشى كەنتىنىڭ باغۋەنلەر باغ - ئورمانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ياڭاقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پوستى نېپىز، مېغىزى تولۇق، ئەتلىكلىكىنى كۆرگەن دۇڭ گۇيفاڭ چىن كۆڭلىدىن ماختاپ مۇنداق دېدى: «يار بېشى كەنتىنىڭ ياڭىقىنىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىم توغرا بوپتۇ».

سورتنى بېكىتىش، ئەۋرىشكىسىنى كۆرۈش، باھادا كېلىشىش... يېرىم كۈن كېڭىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلدى، دۇڭ گۈيفاڭ ھەر كىلوگىرامىنى 18 يۈەن باھا بىلەن 60 توننا ياڭاق سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى، ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليون 80 مىڭ يۈەن ئىدى.

زاكاز تالونى ئىمزالاپ ئۇزاق ئۆتمەي، يار بېشى كەنتى باغۋەنلەر باغ - ئورمانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئەلى ھېمىت دۇڭ گۈيفاڭ ئالدىن تۆلىگەن 500 مىڭ يۈەننى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ بىزنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئەڭ تېز ئىمزالىغان، يەككە سوممىسى ئەڭ چوڭ بولغان زاكاز تالونى!»

زاكاز ئىمزالاشنىڭ ئۆزى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر ھەرىكەتكە كەلدى، ئايرىش، تاغارغا قاچىلاش، گىردىن ئۆتكۈزۈش، ئېغىزىنى ئېتىش، ماركا چاپلاش، ئاپتوموبىلغا بېسىش، پۈتۈن نەق مەيداندا ئىش تەقسىماتى تەرتىپلىك بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ماسلاشقانىدى. «ئاڭلىساق، بىزنىڭ ياڭىقىمىز كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇرىغا تايىنىپ سېتىلغان ئىكەن، يەنە تېخى چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن، بىز تىرىشىپ ئىشلەيلى، بىزنىڭ سۈپەتلىك ماركىمىزغا داغ تەگكۈزسەك بولمايدۇ.» كەنت ئاھالىسى ئابلىز مەمەت ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال ئىدى، ئىشنىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچەپ ئىشلىدى.

دۇڭ گۈيفاڭنىڭ ياڭاق سېتىۋېلىش سودىسى پۈتتى. كىم بىلسۇن، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يار بېشى كەنتى يەنە 168 مامۇق كىيىم قاچىلانغان بىر مېھىر - شەپقەت خالتىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. دۇڭ گۈيفاڭ تېلېفوندا مۇنداق دېدى: «جاڭ شۇجى، سودا ئاخىرلاشتى، لېكىن ياردەم بېرىش - يۆلەش ئاخىرلاشمايدۇ، مەن ئىزچىل يار بېشى كەنتىگە دىققەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».

«بۇ يىل 10 - ئايدىن بۇيان، يار بېشى كەنتى باغۋەنلەر باغ - ئورمانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر كىلوگىرامىنى 17 يۈەندىن 19 يۈەنگىچە بولغان باھا بىلەن 150 توننا ياڭاقنى شاڭخەي، دۇبەي قاتارلىق جايلارغا سېتىپ، 100دىن ئارتۇق ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. بىز بارلىق ئاماللاردىن پايدىلىنىپ، ئاممىنى كەسىپ ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىدا مۇقىم ماڭالايدىغان، يىراققا ماڭالايدىغان قىلىمىز» دېدى جاڭ شىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى