تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شايار ناھىيەسى: كىچىككىنە كەسمە چۆپ دۇكىنىغا يوشۇرۇنغان بېيىش ئارزۇسى

تىيانشان تورى خەۋىرى: «ماڭا بىر خالتا جۇۋاۋا جىلتىسى، بىر خالتا سېرىق ئاش بېرىڭ.»

«ماقۇل، سىزدىن جەمئىي 12 يۈەن ئالدىم، ئاۋايلاپ مېڭىڭ، يەنە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ...» يېقىندا، خالىدەم ئىسلام كەسمە چۆپ دۇكىنىدا تىجارەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى.

خالىدەم شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، ئۆيىدە ئۈچ جان بار، تۇرمۇشى بىر قەدەر قېيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كۆپ تەرەپلىمە چۈشىنىش ئارقىلىق، ئەۋەتكۈچى ئورۇننىڭ قوللىشىدا خالىدەمنىڭ كەنت بېشىغا بىر كەسمە چۆپ دۇكىنى ئېچىشىغا ياردەملەشتى.

«مېنىڭ بىر ئايلىق ساپ كىرىمىم 3000 يۈەنگە يېتىدۇ. خىزمەت ئەترىتى ماڭا كەسمە چۆپ تۈرىنى كۆپەيتىش تەكلىپىنى بەردى، يەنە ماڭا ياردەم قىلىپ ئۇن تامىقى كۇرسىغا تىزىملىتىپ بەردى، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، سودىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، كەنتتىكى ئاچا-سىڭىللارنىڭ مەن بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمەن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ خالىس ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى خالىدەم ھاياجانلانغان ھالدا.

خىزمەت ئەترىتى خالىدەمنى مېھمانلارغا قىزغىن، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشقا، دۇكاننىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، ھەمدە ئۈندىدار، QQ قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق ئۇنىڭ دۇكىنىنى تەشۋىق قىلىپ بەردى، دۇكاننىڭ ئورنى ياخشى، كەسمە چۆپنىڭ تۈرى كۆپ ھەم باھاسى ئەرزان بولغاچقا، قەدەم تەشرىپ قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، سودىمۇ جانلاندى.

«بىر ئادەم مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشسا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىز ئىزچىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زورايتىپ، بازارغا قوشنا بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا پائال يېتەكلەيمىز» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى مەخمۇت داۋۇت.

(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جاڭ چاۋ، گۈلەيسەم مىجىت تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى