تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

باغراش ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش كەپتىرى بېقىشىغا ياردەم قىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شى خەيبىن خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى چاغاننۇر يېزىسى چاغاننۇر كەنتىدىكى بىر ئائىلىنىڭ ھويلىسىدا، ئۇچىسىغا خىزمەت فورمىسى كىيگەن ۋۇ ياچاڭ 2000 كەپتەرگە يەم بەرمەكتە ئىدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى، ئىزچىل باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ۋۇ ياچاڭنىڭ ئىشلىرى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى: ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى باقمىچىلىقنىڭ سېلىنمىسى چوڭ، ئۈنۈمى ئاستا، پايدىسى ئاز بولۇش، شۇنداقلا دائىم سېسىق پۇراق تارقىلىپ ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرى قوزغاپ قويۇش... ھەر خىل مەسىلىلەر، ئۇنى قانداق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئويلاندۇردى.

تېلېۋىزور، يان تېلېفوندىن ۋۇ ياچاڭ نۇرغۇن باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كەپتەر بېقىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدى: كەپتەر باقمىچىلىقىدا سېلىنما ئاز، ئۈنۈم تېز، باشقۇرۇش ئاسان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن سېسىق پۇراق چىقمايدۇ − شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدى.

ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس. تەجرىبىسى بولمىغانلىقتىن، ئۇ سېتىۋالغان 200 كەپتەر پات-پات كېسەل بولۇپ، زىيانمۇ ئاز بولمىدى. «بۇ كەپتەرلەرنى يەنە باقامدىم ياكى باقمامدىم؟ باقسام، تېخنىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيمەن؛ باقماي دېسەم، بۇنىڭدىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ، ۋاز كەچسەم ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.» ۋۇ ياچاڭدا زىددىيەتلىك روھى ھالەت شەكىللەندى.

ۋۇ ياچاڭنىڭ «قىيىنچىلىقى» ۋۇ ياچاڭنىڭ ئۆيىگە ئەھۋال ئىگىلەپ كىرگەن باغراش ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. «بىز ئىدارىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھايۋانات تېخنىكا خادىملىرىنى شياۋ ۋۇغا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى» دېدى چاغاننۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى كۇەي يۈمىڭ تەكلىپ بېرىپ.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ قىزغىن ياردەم بېرىشى بىلەن، ۋۇ ياچاڭنىڭ كەپتەر باقمىچىلىقى ئاستا-ئاستا ياخشىلاندى: دەسلەپكى 200 كەپتەردىن، ھازىر 2000غا تەرەققىي قىلدى.

ھازىر ۋۇ ياچاڭنىڭ كەپتەرلىرى تۇخۇمدىن چىقىپ 30 نەچچە كۈن ئىچىدە سېتىلىپ بولىدۇ، بىر يىلدا سەككىز قەپەز كەپتەر چىقىرىدۇ. تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە بىر كەپتەردىن 10 يۈەن پايدا قالىدۇ. ئۇ گۆش كەپتىرىدىن باشقا يەنە، يۈەنباۋ، شۇنۈ، كۇڭچۆ ۋە موللاقچى كەپتەر قاتارلىق تاماشا قىلىش تىپىدىكى كەپتەرلەرنىمۇ باققان بولۇپ، بىر يىلدا كەپتەر سېتىش ئارقىلىق 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغان.

«كەپتەر بېقىشنىڭ ئۈنۈمى تېز، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن، دەۋرىيلىكى قىسقا، نامراتلارنى يۆلەش تۈرى قىلىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.» ۋۇ ياچاڭنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر پۈتۈن كەنتتىكى بەش ئائىلە كەپتەر باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى.

«ناھىيە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدىغان مەخسۇس ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭدىن كېيىن، كۆلەمنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بىرلىكتە پۇل تېپىپ بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى ۋۇ ياچاڭ خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى