تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۆكتوقاي ناھىيەسى: ئىللىقلىققا تولغان قىشلىق كۈن-تۈن توختاش كۈنى پائالىيىتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قۇئېرتىش بازىرى شەرقىي سېرجان يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە كادىرلىرى «ئىللىقلىققا تولغان قىشلىق كۈن-تۈن توختاش كۈنى، مېھىر-مۇھەببەتلىك مەھەللە» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىك ياشانغانلار داشۆسىدىكى 20 دىن كۆپرەك ياشانغانلار ۋە ئاھالىلەرنى قىشلىق كۈن-تۈن توختاش كۈنىدىكى ئۆزگىچە مېھىر-مۇھەببەتنى ھېس قىلىش ۋە چىن مۇھەببەت بىلەن ئەل قەلبىنى ئىللىتىشقا تەكلىپ قىلدى.

    كۆپچىلىك جەم بولۇشۇپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، جىلىت ئېچىپ، قىيما تەڭشەپ، جۇۋاۋا تۈگۈپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن، ھورى ئۆرلەپ تۇرغان جۇۋاۋىلارمۇ پىشتى، كۆپچىلىك ئۈستەلنى چۆرىدەپ بىللە جۇۋاۋا يېگەچ ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، بايرام كەيپىياتى ئەۋجىگە چىقتى.

     مەھەللە ئاھالىسى بولات ساغدولا مۇنداق دېدى: « كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، بىز ئۆيدە دائىم جۇۋاۋا تۈگۈپ يەيمىز، مەھەللە كادىرلىرى ئىنتايىن قىزغىن، بىز مەھەللىدە بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ يېيىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز.»

    خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ 1-شۇجىسى سۈن يىمىن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى قىشلىق كۈن-تۈن توختاش پائالىيىتى ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، كادىرلار بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئامما ياقتۇرىدىغان پائالىيەت شەكلى ئارقىلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، بېرىش-كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ قەلب ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.»

    (ماقالىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك  ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن نۇرلاش سايراش، ۋۇ جېنجيې تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى