تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئۇزاققىچە ئېچىلدۇرايلى

تەھرىردىن ئىزاھات

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ھەربىر ئىگىلىك تىكلەپ كۈرەش قىلىش بۈيۈك ناخشىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شادلىق ناخشىسى، گۈللىنىش، مۇقىملىق زەپەر ناخشىسى ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلدى. خەلق گېزىتى يېقىندا يۈرۈشلۈك ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، قانداق قىلىپ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ بۇلارنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىدۇ، دىققەت قىلغايسىزلەر.

لى يانەن

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا، ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق مەدەنىيلىك گېنى شۇنداقلا مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى، تارىخ ئاساسى، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ ئاچقۇچى. مەيلى شىنجاڭ پۈتۈن رايونىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى بولسۇن ياكى قايسى بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى بولسۇن، ھەممىسى ھەر مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى جەريانىدا ئىشقا ئاشقان. ئىتتىپاق - ئىناق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى كەزسىڭىز، شىنجاڭدا مەڭگۈ ناخشىنىڭ كەم بولمايدىغانلىقىنى، ئۇسسۇلنىڭ كەم بولمايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت دوستلار بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان شادلىق يىغىلىشىنىڭمۇ كەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس. غۇلجا شەھىرىدىكى رۇس سازەندە ئالىكساندېر سېرگېيېۋىچ زازۇرىن 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن ھازىرغىچە 800دىن ئارتۇق ئاككاردىيون يىغىپ ساقلىدى. ساز ساداسى بىلەن خۇشاللىق ۋە دوستلۇقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇ ئوخشىمىغان مىللەت مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرلىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتى تەشكىللىدى، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان 30 نەچچە مەيدان تۈرلۈك ئويۇن قويۇشنى قانات يايدۇردى. تەسىرلىك ناخشا ساداسى ۋە يېقىملىق ساز ئاۋازى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ تەسىرلىك ھېكايىسىنى بايان قىلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەن نېمە؟ ئۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى. دەل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەدەنىيەت ئامىلى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى.

شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئۇزاققىچە ئېچىلدۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىغا تايىنىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى، بىربىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈشىگە تايىنىمىز. قاراماي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق چېن جىلەن ۋە يۈەن كېيۇڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان تۆت «نەۋرە قىزى»نى تەربىيەلەپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزۈش ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش. 11 يىلغا سوزۇلغان ۋاقىت ئىچىدە، چېن جىلەن ئەر - خوتۇن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ، تۆت ئۇيغۇر نامرات قىزنىڭ ئوقۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە تۇغقانلارچە غەمخورلۇقنى ھېس قىلدۇردى. بالىلار ھەر قېتىم چېن جىلەنگە خەت يازغاندا ئىمزاسىغا «سىزنى سۆيىدىغان نەۋرىڭىز» دەپ يازىدۇ. موماي دائىم مۇنداق دەيدۇ: «بالىلار ئۈمىد، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ، بۇ مۇھەببەتنىڭ رىشتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مېھىر - مۇھەببەتنىڭ چېكى بولمايدۇ، ياخشى ئىش توسالغۇسىز بولىدۇ، شىنجاڭدا، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ھەمدەم بولۇش ھېكايىلىرى ھەر كۈنى يۈزبېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى كىشىلەر قەلبىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىشىلەر قەلبىگە باغلىق. 2016 - يىلىدىن باشلاپ، قەشقەر شەھىرى پۈتۈن شەھەردىكى 40 ئولتۇراق رايوندا «ياخشى قوشنام» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەھەللە مۇلازىمەت تۈرىنى قانات يايدۇردى، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، ئاھالىلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياخشى قوشنا سايلاشتا، قەشقەردىكى پۇقرالار قىسقا سىن فىلىمى ئىشلەش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئائىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى تونۇشماسلىقتىن تونۇشۇشقىچە، قوشنىدىن يېقىن دوستلارغا ئايلىنىشقىچە بولغان ھېكايىلەرنى بايان قىلدى، «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا»نىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى شەرھلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا سىڭگەن، پەقەت كۆڭۈل قويۇپ سۇغىرىپ ۋە پەرۋىش قىلساقلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى مول مېۋىلەرنى بېرەلەيدۇ.

«ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى». بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە خۇشال بولۇشتەك ھالىتىنىڭ جانلىق تەسۋىرى، ھەم ئۇنىڭغا ھەر مىللەت خەلقنىڭ قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا تايىنىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشتەك ياخشى ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. پەقەت مىللەتلەر ئىتتىپاق بولسىلا، ئاندىن ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار شىنجاڭنى ئورتاق ئېچىپ، گۈللەندۈرۈپ، چېگرانىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، ۋەتەننىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولسىلا، چوقۇم گۈزەل شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئىككى 100يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشالايدۇ.

(ئاپتور خەلق گېزىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇخبىرى)

( 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى