تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياۋ چيەن، ۋۇ باۋگو خەۋىرى، فوتوسى): قەھرىتان قىشتا، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى— باغراش كۆلىنى مىڭ چاقىرىملىق مۇز قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، كۆل يۈزىدە خىلمۇخىل مۇز چېچەكلىرى پەيدا بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، باغراش كۆلى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلىدۇر، كۆل بويى ۋە غەربىي جەنۇبتىكى كىچىك كۆل رايونىدا قويۇق ئۆسكەن قومۇشلۇقلار بار بولۇپ، ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ قومۇشلۇق رايونىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، باغراش كۆلىدىن ھەر خىل تاتلىق سۇ بېلىقلىرى كۆپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. باغراش كۆلى رايونى تەبىئىي مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن، 2002-يىلى دۆلەتلىك نۇقتىلىق داڭلىق مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان.