تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۈرۈمچى شەھىرى: كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش

تىيانشان تورى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىمالىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايون باشقۇرۇش كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، «تىيانشان ئېتىكىدە ئانار گۈلى ئېچىلدى: 2020-يىل بىرلىكتە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پارتىيەلىك كادىرلار، قوشماق تۇغقانلاردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئويۇن كۆرۈپ، ئويۇن ئويناپ، ئۆزئارا يېڭى يىللىق سوۋغات تەقدىم قىلىشىپ ۋە بەخت تىلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى.

ئىتوت «تۇغقان يوقلاش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تىياتىرى «سىز ئامان-ئېسەن بولسىڭىزلا، ھەممە ياخشى بولىدۇ»، شېئىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلگە ئوخشايدۇ»، ئۇسسۇل «ئانا جۇڭخۇا» قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇندىلىپ، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. كۆپچىلىك بىرلىكتە دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق خور بىلەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

مەھەللە ئاھالىسى سەنەمجان سەمەر مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن تۇغقىنىم بىلەن يېڭى يىللىق ئارزۇيۇمنى يازدىم، ئۆزئارا سوۋغات تەقدىم قىلىشتۇق، ناھايىتى خۇشال ئۆتتۈم، مول ھوسۇل ئالدىم. يېڭى بىر يىلدا، كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تىنچ-ئامان، خۇشال-خۇرام، بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

تىيانشان رايونى شىمالىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايون باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى چېن ۋېيپىڭ مۇنداق دېدى: بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە قوشماق تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى. كېيىنكى قەدەمدە بىز تېخىمۇ كۆپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز؛ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىمىز.

(ماقالىنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىمالىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايون باشقۇرۇش كومىتېتى ساغلاملىق يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىن سۇن جېنسۇڭ تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى