تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەر ئۈچۈن بېيىش يولى ئاچتى

يېقىندا، بايىنغولىن ۋەنلىياڭ دېھقانچىلىق ئۇنىۋېرسال ئېچىش چەكلىك شىركىتى توخۇ فېرمىسىدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى لى چاۋجۈ (سولدا) خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن باقمىچىلىق يوللىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  بۇ يىلدىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ بېرىش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خوشۇت ناھىيەسى تېۋىلغا بازىرى چىڭشۈيخې مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بايىنغولىن ۋەنلياڭ دېھقانچىلىق ئۇنىۋېرسال ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن پائال تۇتاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بەردى؛ تەۋەلىكتىكى قولىدا ھۈنىرى بار، سودا قىلالايدىغان ئاھالىلەرنى ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈردى ۋە يار-يۆلەك بولدى، «كارخانا + خىزمەت ئەترىتى + ئاھالە» ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدىكى بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى قۇرۇپ چىقتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر شاۋ شىلەي فوتوسى)

بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى