زىمىستان قىش مەۋسۇمىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شىسى كۆكدالا شەھىرىدە ئۇدا نەچچە كۈن كۆرۈلگەن تۇمانلىق ھاۋا رايى تارقىلىپ، گۈزەل تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى پەيدا بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. شەھەر ئىچىدە دەل–دەرەخلەر كۈمۈش رەڭ بىلەن قاپلىنىپ، قىش رەڭگى ۋە جىلۋىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنچە گۈزەل مەنزىرە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلدى، ئۇلار بەس-بەستە قولىغا فوتوئاپپارات، يان تېلېفونلىرىنى ئېلىپ قار-مۇز ئىچىدە سۈرەتكە چۈشۈپ ئەسلىمە قالدۇرۇشتى.
64-تۇەن 8-ليەنى ئەتراپىدىكى 8-نومۇرلۇق سۇ ئامبىرى، 9-نومۇرلۇق سۇ ئامبىرىدا مۇز تۇتقان سۇ يۈزى سېرىق قۇم بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەنىدى، قۇملۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى كۈمۈش رەڭ قاپلىغان بولۇپ، سۇ ۋە قۇم بىرىككەن تۇمان سۆڭگىسى ئاجايىپ مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى، بوشلۇقتىن تۆۋەنگە قارىغاندا، خۇددى غايەت زور سىياھ رەسىمدەك كۆرۈنەتتى. 8-نومۇرلۇق سۇ ئامبىرى، 9-نومۇرلۇق سۇ ئامبىرى 64-تۇەننىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە، باجىتەي قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مەنبەسى چاغانئۇسۇن تېغىدىكى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن كەلگەن بولۇپ، چۈجگۈن قاتارلىق ئالاھىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى سۇغىرىدۇ ھەمدە 64-تۇەننىڭ قىسمەن ليەندۈيلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىغا سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ تەمىنلەيدۇ.
تۇمان سۆڭگىسى، كونىلاردا دەرەخ ئاسمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ھاۋادىكى سۇ پارىنىڭ بىۋاسىتە قېتىشىشى ياكى زىيادە سوغۇق تۇمان تامچىسىنىڭ جىسىم ئۈستىدە بىۋاسىتە قېتىشىشىدىن شەكىللەنگەن مۇز كىرىستال چۆكۈندىسى بولۇپ، ئىنتايىن تەستە ئۇچرايدىغان تەبىئىي مەنزىرىدۇر. كۆكدالا شەھىرى ئىلى دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ھاۋا نەملىكى بىرقەدەر يۇقىرى، شۇنداقلا كۆكدالا شەھىرىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، بۇلار تۇمان سۆڭگىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياخشى شارائىت تەمىنلىگەن.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى