تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىنى قارشى ئالىمەن»

ئىستون سۆزى

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسى كۈنسېرى كۆپەيدى. شىنجاڭ خاس جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى، بارغانسېرى كۆپ چەت ئەللىك شىنجاڭدا ئوقۇش، خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللىدى. ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى شىنجاڭ قانداق؟ بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭ گېزىتىدە «چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى شىنجاڭ» ئىستونىنى تەسىس قىلىندى، بۇ ئىستوندا ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلىپ، چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىمىز.

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

«جۇڭگو شىنجاڭ ياخشى جاي، مەن بۇ يەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن، تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۇلارغا يول باشلىغۇچى بولۇشنى ئىنتايىن خالايمەن» دېدى شىنجاڭ داشۆنىڭ ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچى شاھان فىدامۇھەممەد 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى قىزغىن ھالدا.

شىنجاڭ داشۆنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا، شاھاننىڭ 20 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق كىچىككىنە ياتىقى پاكىز، رەتلىك بولۇپ، دەملەنگەن پەمىل چاينىڭ خۇش پۇرىقى پۈتۈن ياتاقنى تۇرمۇش پۇرىقىغا چۆمدۈرگەنىدى.

ياتاقنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى چاي ئىشكاپىغا يەسىمەنگۈلى چېيى، پۇئېر چېيى ۋە قارا چاي قاتارلىقلار تىزىلغانىدى. «شىنجاڭلىقلار ئىنتايىن دوستانە، مەن بۇ يەردىكى دوستلار بىلەن چاي ئىچكەچ مۇڭدىشىپ، تارىخ، مەدەنىيەت توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن!» 2018 - يىلى، شاھان جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە ساياھەتنى قىزغىن سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، شىنجاڭ داشۆ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن كەلدى، بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇپ ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، شاھان شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، مەدەنىيىتىنى تەدرىجىي ياخشى كۆرۈپ قالدى، ھەر مىللەتتىن نۇرغۇن دوست تۇتتى. يېقىندا، ئۇ توخۇ قوردىقى قورۇشنى ئۆگىنىپ، قىشلىق تەتىلدە بۇ «شىنجاڭچە تەم»نى يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىدىكى بىر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەلۋەتتە شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشنى قولدىن بېرىپ قويمىدى، شاھاننىڭ يان تېلېفونىنىڭ ئالبومىدا ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ساياھەت ئىزلىرى قالدى: ئىلىدىكى چېچەك سەيلىسى، چۆلدىكى نېفىتلىكتە قۇدۇق بۇرغىلاشنى كۆرۈش، تۇرپاندا قۇمدا داۋالىنىشنى ھېس قىلىش، مۇزېيدا شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىش...

«بىز پويىزغا ئولتۇرۇپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ساياھەت قىلدۇق، يول بويى قىزغىن، مېھماندوست كىشىلەرنى ئۇچراتتۇق، ناھايىتى بىخەتەر، ناھايىتى ئىللىق ئىكەن!» بۇ يىل يازدا، شاھان ھەمراھلىرى بىلەن قارامايغا ساياھەتكە بارغاندا، يولدا بىر توپ دوستلار بىلەن تونۇشتى، يول بويى كۈلكە - چاقچاق قىلىشىپ، سەپەر شادلىقىغا چۆمدى. ئۇلارنىڭ قارامايغا تۇنجى قېتىم كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، كۆپچىلىك ياردەملىشىپ تەپسىلىي ساياھەت پىلانى تۈزۈپ بەردى، بۇ ئىش شاھاننى ھازىرمۇ ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدۇ.

«ئەينى چاغدا شىنجاڭ داشۆدە ئوقۇيدىغان تۇغقىنىم بولغاچقا شىنجاڭغا كېلىشنى تاللىغانىدىم، تۇغقىنىم ماڭا <شىنجاڭ ياخشى جاي> دېگەنىدى، بۇ جايغا كەلگەندىن كېيىن بۇنىڭ تېخىمۇ راستلىقىنى ھېس قىلدىم!» شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، شاھان بىر ئېغىزمۇ جۇڭگو تىلىدا سۆزلىيەلمەيتتى، بۈگۈنكى كۈندە مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇ جۇڭگو تىلىدا ئالاقە قىلالايدىغان، پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى، بۇنىڭدىن ئۇ ئىنتايىن خۇشال.

«مېنىڭ جۇڭگولۇق <ئاپام>نىڭ ئىسمى ئالىيە، مەن ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.» شاھاننىڭ ئېيتىشىچە، سىنىپ مەسئۇلى ئالىيە ئەركىن مۇئەللىم ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆپ غەمخورلۇق قىپتۇ، ھېيت - بايراملاردا سىنىپتىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ بېرىپ بىللە خوگو يەپتۇ، يەنە بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئۇلارغا باشقا يۇرتتىمۇ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپتۇ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، شىنجاڭ داشۆ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شۆيۈەنى يەنە خەتتاتلىق، قەغەز قىيما، گۇجېڭ قاتارلىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دەرسلىرىنى تەسىس قىپتۇ.

«ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز ئىكەن، مەن يول قۇرۇلۇشى، شەھەر پىلانى ھەمدە مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگونىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدىكى باشقا شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئانچە چوڭ پەرق يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم، بۇ يەردىكى تۇرمۇشىمىز ناھايىتى بىخەتەر، شۇنداقلا ناھايىتى بەختلىك!» شاھاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىگە كەلگەن بىر يېرىم يىلدا، ئۇ مېترونىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغىچە قاتنىغانلىقى، خەلقئارا چوڭ بازار كەچلىك بازىرىنىڭ ئېچىلغانلىقى، بۇ يىل شىنجاڭدا ساياھەتچى سانىنىڭ ئالدىنقى ئون ئايدا 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقانلىقىغا گۇۋاھ بوپتۇ... بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىگەندە شاھان ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتى.

«جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ئەنئەنىۋى دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئافغانىستاندا خىزمەت قىلىدۇ، ماڭا ئوخشاش ئافغانىستانلىق نۇرغۇن ئوقۇغۇچىمۇ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. مەن جۇڭگودا داۋاملىق ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، كەلگۈسىدە گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭدا قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن يەنە تېخىمۇ كۆپ ئافغانىستانلىقنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى، ياشىشىنى، مەبلەغ سېلىشىنى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى شاھان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى