تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

بىر تال ئانار دانىسى  قىزىل تۇپراقتا يىلتىز تارتىش

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، مېھرىگۈل غوپۇر، جوۋ پېڭ، ۋاڭ چىمىڭ، جياڭشى گېزىتى مۇخبىرلىرى خۇڭ خۈەيفېڭ، سۇڭ سىجيا

17 يىل ئىلگىرى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن ئابدۇللا غوجىھاشىم خوتۇنى بىلەن بىللە جياڭشىنىڭ نەنچاڭغا كېلىپ قۇرۇق ئۈزۈم ساتتى. ئۇلار ئەينى چاغدا 17 يىلدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ 44 زەنجىرسىمان دۇكىنى بار يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى؛ ئۇلار ئابدۇللانىڭ جياڭشى ئۆلكىلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، جياڭشى ئۆلكىسى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس قاتارلىق بىر قاتار شەرەپلەرگە ئېرىشىشىنى تېخىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى.

شىنجاڭلىق بىر سودىگەر قانداق قىلىپ جياڭشىدىن ئىبارەت بۇ قىزىل تۇپراقتا شۇنچە يۇقىرى شان - شەرەپكە ئېرىشەلىدى؟ 17 يىلدىن بۇيان ئابدۇللا نەنچاڭدا يىلتىز تارتىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن قان - قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ، ئەمەلىي ئىش - ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بۇنىڭغا ئەڭ جانلىق جاۋاب بەردى.

«مېنىڭ نەنچاڭدا نۇرغۇن تۇغقىنىم بار»

12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، نەنچاڭ، سىم - سىم يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى، سوغۇق شامال يۈزگە ئۇرۇلاتتى.

«گۇاڭمىڭ، ئانامنىڭ سالامەتلىكى ياخشىمۇ؟ تېلېفوننى نېمىشقا ھېچكىم ئالمايدۇ؟» نەنچاڭ شەھىرى گۇاڭچاڭ شەرقىي يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئابلاجان كاۋاپ شاھى ئاشخانىسىدا ئابدۇللا ۋاقىت چىقىرىپ ليۇ فېڭلىڭنىڭ ئوغلى ۋەن گۇاڭمىڭغا تېلېفون بېرىۋاتاتتى. ليۇ فېڭلىڭنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، يان تېلېفونى ئاۋازسىز ھالەتتە بولغاچقا تېلېفوننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشتى.

ليۇ فېڭلىڭ نەنچاڭ شەھىرى ئاھالىسى، شۇنداقلا ئابدۇللانىڭ «ئاپىسى». 2015 - يىلى ليۇ فېڭلىڭ ئابدۇللا ئاچقان كاۋاپخانىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە تۇراتتى، ئۇنىڭ يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ليۇ فېڭلىڭ ياردەملىشىپ كاۋاپ ئۆتكۈزۈشۈپ، ئۈستەللەرنى سۈرتۈشۈپ بەردى. ئابدۇللا خىجىل بولۇپ، ليۇ فېڭلىڭغا مائاش بېرىشنى ئېيتقاندا، ليۇ فېڭلىڭ قەتئىي ئالمىدى. «كۆپچىلىك ھەممىمىز قوشنا، ياردەملىشىش قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز» دېدى ليۇ فېڭلىڭ.

«كۆڭلۈم ئىللىدى، ئۇ ئاپام بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، مەن ئىختىيارسىز ئۇنى <ئاپا> دەپ چاقىردىم» دېدى ئابدۇللا ھاياجانلانغىنىچە ئەسلەپ.

2018 - يىلى، نەنچاڭ شەھىرىدە كوناشەھەر رايونى ئۆزگەرتىلىپ، ليۇ فېڭلىڭ ئۆي كۆچۈپ، ئابدۇللا بىلەن كۈندە كۆرۈشەلمىگەچكە، بىر - بىرىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى.

يېقىنقى نەچچە كۈندە، نەنچاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلىدى. ئابدۇللانىڭ غەم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ليۇ فېڭلىڭ بىر خالتا ئالما، بىر خالتا جۈزە ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

«ئاپا، ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، مەن سىزگە يەنە يېڭى پاختىلىق چاپان ئېلىپ بېرەي.» «بولدى ئالماڭ، ئالدىنقى قېتىم سىز ماڭا ئېلىپ بەرگەن يېڭى چاپاننى تېخى كىيىپ ئۈلگۈرمىدىم. سىز دۇكاننى يېڭىلىدىڭىز، پۇلنى كۆپرەك سودىغا ئىشلىتىڭ.» ئابدۇللا ئائىلىسىدىكىلەر ليۇ فېڭلىڭ بىلەن تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ھورى چىقىپ تۇرغان پولۇنى خۇشال كەيپىياتتا يېيىشتى.

«نەنچاڭ مېنىڭ ئائىلەم، بۇ يەردە مېنىڭ ناھايىتى كۆپ تۇغقىنىم بار!» ئابدۇللا قوللىرىنى كىرىشتۈرۈپ تۇرۇپ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: 2002 - يىلى، خوتۇنۇم بىلەن نەنچاڭغا يېڭى كەلگەندە، يانچۇقۇمدا ئارانلا 40 يۈەن بار ئىدى. ئۆي - مۈلۈك ۋاسىتىچىسى لۈ تىڭياڭ ماڭا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلىپ تۇرىدىغان جاي تېپىپ بېرىپ، مېنىڭ ئۆي ئىجارە پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشۇمغا ئۇنىدى؛ 2010 - يىلى نەنچاڭ شەھىرى ۋوگزال ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزىگەندە، يايما يېيىشقا ئامالسىز قالدىم، نەنچاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شىخۇ شۆبە ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى شۈ يۇڭ ماڭا كېپىل بولۇپ، دۇكان ئىجارە ئېلىشىمغا ياردەم قىلدى؛ دۇكاننىڭ سودىسى ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، قوشنام لو گوليەن ماڭا ياردەملىشىپ بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىپ بەردى.

بۇلتۇر، ئابدۇللانىڭ دۇكىنىنىڭ ئىجارە ھەققى ئۆسۈپ ئۇنى غەمگە پاتۇردى. نەنچاڭ شەھىرى شىخۇ رايونى دىڭگۇڭ يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پېڭ شياۋخۇي بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يېڭى دۇكان تېپىشىغا ياردەم بەردى، كۆلىمى ھېچقانچە پەرقلەنمەيتتى، ئىجارە ھەققى پەقەت كونا دۇكىنىنىڭ ئۈچتىن بىرىچىلىك ئىدى، ئۇ يەنە كەسپىي لايىھەلىگۈچى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى لايىھەلەتكۈزۈپ بەردى، تاۋار ماركىسىنى تىزىملىتىشىغا ياردەم بەردى.

«قاراڭ، بۇ دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسىدا تۆگە، قۇملۇق، يالقۇنتاغ، يىپەك يولى، تېڭۋاڭگې بار، بۇ، مېنىڭ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، نەنچاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىمنى، يېڭى ئۆيۈمنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى ئابدۇللا دۇكىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ.

مۇشۇنداق ئىللىقلىق ئابدۇللانى نەنچاڭ شەھىرىدە يىلتىز تارتقۇزدى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

«ئابدۇللامۇ ماڭا نۇرغۇن ياردەم قىلدى.» شۈ يۇڭ مۇنداق دېدى: خىزمەتتە شىنجاڭلىق ئىشلەمچى خادىملارنى ئۇچراتقاندا تىلىمىز ئوخشىمىغاچقا، ئابدۇللا ياردەم قىلىپ تەرجىمە قىلىپ بەردى.

2018 - يىلىنىڭ بېشىدا، نەنچاڭ شەھىرىنىڭ شىبۇ بازىرى جۇيۈەن كەنتىدىكى بىر قىسىم نامرات ئاممىنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئابدۇللا قوي گۆشى قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ كەنتكە ئاپىرىپ بەردى، يەنە ھەر بىر نامرات ئائىلىگە 600 يۈەندىن ھال سوراش پۇلى بەردى. يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، ئۇ ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلدى.

«بىز ھەر بىرىمىز ئانارنىڭ بىر دانىسى. بىز ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىشىمىز كېرەك.» پېڭ شياۋخۇي ئابدۇللا توغرىسىدا سۆزلىگەندە، ئۇنىڭ چېھرىدىن مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

«ھەر بىر دۇكاننى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆزنىكى قىلىپ ئېچىشىمىز كېرەك»

«مەززىلىك كاۋاپ كەلدى!»، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچ، بارغانسېرى قاراڭغۇ چۈشۈۋاتاتتى، نەنچاڭ شەھىرىنىڭ تيەنيو يولىدىكى شىنجاڭ ئابلاجان كاۋاپ شاھى زەنجىرسىمان دۇكىنىدا، دۇكان باشلىقى ئابدىلقاھار رەجەپ خېرىدارنىڭ ئۈستىلىگە زىخلىق كاۋاپلارنى ئېلىپ كېلىپ، قىزغىنلىق بىلەن مېھمان كۈتۈۋاتاتتى.

«بۇ يەرنىڭ كاۋاپ خۇرۇجلىرى يېڭى، مىقدارى يېتەرلىك، تەمى ياخشى دەپ ئاڭلاپ، بىز ئالايىتەن تېتىپ باققىلى كەلدۇق» دېدى خېرىدار ۋاڭ ئەپەندى كاۋاپ يېگەچ مۇخبىرلارغا.

ئابدىلقاھار قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزىسى مىللەتئېرىق كەنتىدىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا، 2016 - يىلى، ئۇ نەنچاڭغا كېلىپ، ئابدۇللادىن ئاشپەزلىك، كاۋاپ پىشۇرۇش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگەندى، ھازىر 100 كىۋادرات مېتىردىن چوڭراق كاۋاپخانا ئاچتى، يىللىق پايدىسى 100 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى، يەنە شىنجاڭلىق ئۈچ ئىشلەمچى خادىمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

«2017 - يىلى مەن دۇكان ئاچقان چاغدا، ئابدۇللا ماڭا 110 مىڭ يۈەن قەرز بەردى، مەن بەكلا تەسىرلەندىم» دېدى ئابدىلقاھار ھاياجانلانغان ھالدا.

تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى ئۆيدىن چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، جياڭشى ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشىدا، ئابدۇللا جياڭشىدا تۇرۇشلۇق شىنجاڭ خوتەنلىك ئىشلەمچىلەر، سودىگەرلەر مۇلازىمەت خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى پائال قانات يايدۇردى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، ئۇ يەنە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇپ، شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر، سودىگەرلەرنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېزدىن شۇ جايغا سىڭىشىشىگە ياردەم بەردى.

ئىپادىسى ياخشى بولغان خادىملارغا قارىتا، ئابدۇللا ئۇلارنى ئۆسۈمسىز ئىگىلىك تىكلەش فوندى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كاۋاپخانىسىغا ھەقسىز قوشۇلۇشىغا ئۇنىدى، لېكىن بىر شەرتى بار ئىدى − قانۇنغا رىئايە قىلىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، ئەتراپتىكى قوشنىلار، تىجارەتچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، كۆپ دوست تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىش.

ئابدۇللانىڭ قارىشىچە، بايلىق بىر ئالتۇن قۇلۇپ بولسا، سەمىمىيلىك ئالتۇن ئاچقۇچ ئىدى. «بۇ يىللاردا مەن نەنچاڭدا تىجارەت قىلدىم، ئەگەر پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، ئىش - ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ ماتېرىيالنى كەم ئىشلەتكەن بولسام، كۆپچىلىك ماڭا ئىشەنمىگەن بولاتتى، ماڭا تېخىمۇ ياردەم قىلمايتتى، مېنىڭمۇ بۈگۈنۈم بولمايتتى، سىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىڭلارغا، ئىگىلىك تىكلىشىڭلارغا ياردەم قىلىدىغان ئىقتىدارىم تېخىمۇ بولمايتتى.» ئابدۇللا ھەر ھەپتىدە خىزمەتچىلىرىگە قەرەللىك يىغىن ئاچقاندا، سەمىمىي بولۇش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشنى قايتا - قايتا تەكىتلەيتتى، «بىز ھەر بىر دۇكاننى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۆزنىكى قىلىپ ئېچىشىمىز، ھەر بىرىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك».

ئابدۇللانىڭ تۈرتكىسىدە، نەنچاڭ شەھىرىدە ھازىر «شىنجاڭ ئابلاجان كاۋاپ شاھى ئاشخانىسى» زەنجىرسىمان دۇكىنىدىن 44ى بولۇپ، شىنجاڭلىق سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان 200دىن ئارتۇق ئىشلەمچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرى قوشئېرىق كەنتىدىن كەلگەن ئابدۇراخمان جاپپار 2016 - يىلى ئابدۇللانىڭ ياردىمىدە ناۋايخانا ئاچتى ھەم نەنچاڭ شەھەر ئاھالىسى جوۋ خۈەن، ۋاڭ لىجۈنلەر بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، بىرلىكتە نان سودىسى قىلىشقا باشلىدى.

12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، نەنچاڭ ناھىيەسىدىكى جياڭشى راخمان يېمەك - ئىچمەك چەكلىك شىركىتىدە قاتار تىزىلغان توك دۇخوپكىلىرى تەرتىپلىك ئىشلەۋاتاتتى، ناننىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى. ۋاڭ لىجۈن يېڭىلا دۇخوپكىدىن چىققان ناننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ئابدۇراخمان قىزغىن، ئاددىي - ساددا، ھەققانىي، بىز دائىم بىللە تاماق يەيمىز، مەن يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە نەچچە قېتىم شىنجاڭغا باردىم. بۇلتۇر بىز بىرلىكتە شىركەت قۇردۇق، بۇ يىل 6 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردۇق، ھازىر، ئۇيغۇر، خەنزۇ خىزمەتچىدىن يەتتىسى بار، بىر كۈندە نەچچە مىڭ نان ئىشلەپچىقىرىمىز. ئىستىقبالىمىز بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ!»

«تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىم كېرەك، شۇندىلا بۇ شان - شەرەپلەرگە يۈز كېلەلەيمەن»

«جەمئىيەت تېخىمۇ چوڭ بىر داشۆ، مەن جەمئىيەتتە ناھايىتى نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم، قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگەندىم.» 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، نەنچاڭ ئاۋىياتسىيە داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەركىزىدە، يېتەكچى ئابدۇللانىڭ ھېكايىسىگە مەپتۇن بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ئورىۋالغانىدى.

2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، نەنچاڭ ئاۋىياتسىيە داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گو جيېجۇڭ تەكلىپنامە تارقىتىپ، پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 - يىللىقىغىچە ئوقۇغان ئابدۇللانى مەكتەپ سىرتى يېتەكچىسىلىكىگە رەسمىي تەكلىپ قىلدى.

«داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىدە، ھەم سۆز بىلەن، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە بولغاندىلا، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ.» نەنچاڭ ئاۋىياتسىيە داشۆسى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لو لەيسۇڭ مۇنداق دېدى: ئابدۇللانىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن كۈرەش قىلىش روھى، سەمىمىيەت ئىدىيەسى، مىننەتدارلىق ئېڭى ھەر بىر داشۆ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە ۋارىسلىق قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

«ئۆزۈمنىڭ داشۆ ئوقۇتقۇچىسى بولالىشىمنى ھەقىقەتەن ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» بۇ مەكتەپ سىرتى يېتەكچىسىلىك خىزمىتىنى ئابدۇللا بەكمۇ قەدىرلەيدۇ، «مەن تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىم كېرەك، شۇندىلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا بەرگەن بۇ شەرەپلىرىگە يۈز كېلەلەيمەن».

2018 - يىلى، ئابدۇللا شىركەت خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ «ئابلاجان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نى قۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ھال سوراش، ئۆيدە قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش... لاردا ئۇلارنىڭ سىيماسىنى دائىم كۆرگىلى بولاتتى. ئامىنە ئابدۇللا دەل ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى، 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، نەنچاڭ شەھىرى شىخۇ رايونى دىڭگۇڭ يولى كوچا باشقارمىسى جىڭفۇ مەھەللىسىدىكى 87 ياشلىق قارىغۇچىسى يوق ياشانغان كىشى جىن شيۇچىننىڭ ئۆيىدە، ئامىنە خۇددى ئۇنىڭ نەۋرە قىزىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ئۆيلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، يەرلىرىنى سۈرتۈپ، تىرناقلىرىنى ئېلىپ قويدى.

«خۇددى ئابدۇللا ئاكام ئېيتقاندەك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشتا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سەمىمىي بولۇشى كېرەك. باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا، ياردەم قولىمىزنى سۇنساق، ئۆزىمىزمۇ چىن دىلىمىزدىن خۇشال بولىمىز» دېدى ئامىنە.

ئابدۇللا ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولدى.

12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئابدۇللا تۇرىدىغان نەنچاڭ شەھىرى شىخۇ رايونى دىڭگۇڭ يولى كوچا باشقارمىسى خېڭماۋ خۇاچېڭ مەھەللىسى ئىشخانىلارنى بېزەۋاتقانىدى. مەھەللە مۇدىرى خۇ جۈن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مەھەللە مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىپ، ئابدۇللانىڭ نامىدا «ئۈچ مەيدان - ساراي» − ئابدۇللا خىزمەت كۆرگەزمە ئۆيى، دۆلەت ئورتاق - تىل يېزىقى تەربىيەلەش ئۆيى، ئىگىلىك تىكلەش سارىيى بەرپا قىلدى.

«نەمۇنىچىلار بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا. بىز <ئابلاجان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى> ۋە <ئۈچ مەيدان - ساراي>غا تايىنىپ، ئابدۇللا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىپ، تىپنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمىز» دېدى خۇ جۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «قوشۇش، ئېلىش ئۇسۇلى»نى ياخشى ئىشلەش  شىنجاڭنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش
  • جۇۋاۋا تۈگۈپ ئىتتىپاقلىق ھەققىدە پاراڭلىشىش
  • قىشلىق بېلىق تۇتۇش