تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەتەن قوينىدىكى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى خىزمەتچىلەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى −

ۋەتەن قوينىدىكى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، لياڭ لىخۇا، شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، بۇنىڭغا قارىتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى خىزمەتچىلەر قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشنى ئويلايدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك، ئەخمىقانە خام خىيال! بىزنىڭ ۋەتەن قوينىدىكى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداشقا، تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلىغانلارغا ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

«ئامېرىكا ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>نى ماقۇللاپ جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىزنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىمىزغا قارا چاپلىدى. بۇ خىل پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ۋىجدانسىزلارچە زەھەرلىك سۆزلەر بىلەن ئازار بېرىشكە قارىتا، مەن كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەمەتجان داۋۇت مۇنداق دېدى: ھازىر، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا مىسلىسىز غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شىنجاڭنىڭ تەستە قولغا كەلگەن مۇقىم، ئىناق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىشى ئامېرىكا تەرەپنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە قارا چاپلاشقا، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشقا، جۇڭگونى چەكلەشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىدى. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى سىراجىدىن ئابلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايون قانۇن بويىچە تەسىس قىلغان تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەكتەپ خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، قانۇن - نىزاملارغا ئاساسلىنىپ قانۇنچىللاشقان، قېلىپلاشقان، ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلغان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى، كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قۇتقۇزۇۋالدى، ئۇلارغا غەمخۇرلۇق قىلدى، ياردەم بەردى، ئۇلارنى تەربىيەلىدى. ئۆگىنىش ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. مۇئەييەنلەشتۈرۈپ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

«مەن ئاياللار - بالىلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ئاياللارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ، ساغلاملىق قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى، ۋەتەن قوينىدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ چەكسىز بەخت ۋە ئىپتىخارلىققا چۆمگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رامىلە مەمەت مۇنداق دېدى: بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشىمىز!

ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى زۇمىرە غوجىراپىل مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردى، بولۇپمۇ نامرات ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن مېيىپلەر خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ھەر قايسى مىللەتلەر خاتىرجەم ياشايدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەتئىي قوغدايمەن».

«ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى نەزەرگە ئالمىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، ئىناق بولغان ئوبيېكتىپ پاكىتنى نەزەرگە ئالمىدى، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پاتىمە ئابلىكىم مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئورتاق ياخشى قوغداشقا يېتەكلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.