تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاۋمېن تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى يارىتايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يەلكەنلىك كېمە يەلكەننى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى، ئىشىكنى ئېچىپ ئون مىڭ چاقىرىملىق باھار شامىلىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىگەندىن كېيىن، بىز يەنە تولۇپ تاشقان خۇشاللىق بىلەن ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. ئۆيگە قايتىشنى كۈتۈۋاتقان كۆچمەن مۇساپىردىن، رەڭگارەڭ جىلۋىلەنگەن پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەرگىچە، بىر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، تىنچ - خاتىرجەم ئاۋمېن يېپيېڭى قىياپەت بىلەن ۋەتەننىڭ نەنخەي دېڭىزى ساھىلىدە قەد كۆتۈردى.

«ئاۋمېن تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئاۋمېنچە <بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم>نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى». ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 20 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئاۋمېننىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى چوڭقۇر ئىپادىلەپ، ئاۋمېننىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتىشى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننى پىلانلاپ، ئاۋمېننىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

20 يىلنىڭ ئالدىدا، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەن ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، ئاۋمېن تارىخىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى. ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 20 يىلدىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىنى ئاساس قىلغان ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۈندىن - كۈنگە مۇكەممەللەشتى؛ ئىقتىسادنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى؛ جەمئىيەت مۇقىملىق، ئىناقلىقنى ساقلاپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت گىرەلىشىپ نۇر چاچتى. بۈگۈنكى ئاۋمېندا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمى تەرتىپلىك راۋاجلاندى، ئاھالىلەرنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان كەڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى؛ «بىر مەركەز، بىر سۇپا، بىر بازا» قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، كىشى بېشى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى؛ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئامانلىق تىنچ بولماسلىقتەك ئەھۋال تېز ئوڭشىلىپ، ئاۋمېن دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى... ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تامامەن ئاقىدۇ، قىلغىلى بولىدۇ، كىشىلەر قەلبىگە ياقىدۇ!

ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيانقى 20 يىل ئاۋمېن تارىخىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەڭ تېز، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەڭ زور بولغان مەزگىل، شۇنداقلا ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە شان - شەرىپىدىن ھەمبەھرىلىنىش تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەزگىل بولدى. ئاۋمېننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقىدىن بولغان، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ۋەتىنىمىز ئىچكىرى رايونلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن بولغان، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ پائال نەتىجە ياراتقانلىقى ۋە ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن بولغان. پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە، كەڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ئاۋمېننى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى گۈللەندۈرۈش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تامامەن ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە، ئىقتىدارغا ئىگە، ئامال - چارىگە ئىگە، ئۇلۇغ ۋەتەن باشتىن - ئاخىر ئاۋمېننىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، ۋەتەننىڭ كۈنسېرى گۈللىنىشى ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، قەتئىي ھالدا نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرغاندىلا، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش بايرىقى ئاستىدىكى كەڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتى توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ مۇقىم ماڭالايدۇ، پۇختا ماڭالايدۇ، يىراققا ماڭالايدۇ، ئاۋمېن تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئاۋمېن ياخشى بولسا، ۋەتەن ياخشى بولىدۇ؛ ۋەتەن ياخشى بولسا، ئاۋمېن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا مىسلىسىز يېقىنلاشتۇق. بۇ ئۇلۇغۋار تارىخىي مۇساپىدە، ۋەتەننىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىدا، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاۋمېن چوقۇم ۋەتەننىڭ ئىچكىرى رايونلىرى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەپ، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى