تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار مۇھىم ماقالىلىرىنى مەخسۇس ئۆگەندى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى    شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار مۇھىم ماقالىلىرىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئەستايىدىل ئۆگىنىش قىلدى. يىغىندا، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، تيەن ۋېن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يازما سۆز قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار مۇھىم ماقالىلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى چوڭقۇر تەپەككۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ شانلىق نۇرىنى چاقنىتىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ مىزانى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم ماقالىلىرىنىڭ روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم ماقالىلىرىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

بىرىنچى، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇش كېرەك.

ئىككىنچى، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق ئاساسىي پىرىنسىپنى تەتبىقلاش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىپ، ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئىقتىدارنى ھەقىقىي تۈردە ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.

ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى، ئىختىساسلىقلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېكولوگىيەسىنى، تەشكىلىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان يۇرت - ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بەشىنچى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس مەسىلىلىرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئالتىنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايراق روشەن ھالدا ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىدىيەۋى كاپالەت، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئاممىۋى پىكىر مەدىتى ۋە مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يەتتىنچى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

سەككىزىنچى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن تېخىمۇ ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، خىزمەتنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

توققۇزىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكى قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.

ئونىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.