تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

17 يىل قىزىل تۇپراقتا يىلتىز تارتىش  44 دۇكاندا ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۇش

ئابدۇللا غوجىھاشىم جياڭشى ئۆلكىسى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس بولۇپ باھالاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۈنشيا، مېھرىگۈل غوپۇر، جياڭشى گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى خۇڭ خۈەيفېڭ، سۇڭ سىجيا خەۋەر قىلىدۇ: «ئاپا، قاراڭ، بۇ جياڭشى ئۆلكىسى ماڭا تارقىتىپ بەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەقدىرنامىسى!» 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، نەنچاڭ شەھىرى گۇاڭچاڭ شەرقىي يولىدىكى شىنجاڭ ئابلاجان كاۋاپ شاھى تاماقخانىسىدا، دۇكان ئىگىسى ئابدۇللا غوجىھاشىم قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئاپىسى بىلەن يان تېلېفونىدا سىنلىق كۆرۈشۈپ، قىپقىزىل شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كۆرسەتتى − ئۇ يېقىندىلا 2019 - يىللىق جياڭشى ئۆلكىسى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس بولۇپ باھالانغانىدى.

ئابدۇللا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى چوكان جىلغا كەنتىدىن كەلگەن بولۇپ، نەنچاڭدا 17 يىل ئىشلەمچىلىك قىلىپ، يول ياقىسىدىكى يايمىچىدىن 44 زەنجىرسىمان دۇكىنى بار يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىپ، بۇ قىزىل تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتىكى تىپقا ئايلاندى.

2002 - يىلى 9 - ئايدا، ئابدۇللا خوتۇنىنى ئېلىپ نەنچاڭغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلغاندا، يېنىدا ئارانلا 40 يۈەن بار ئىدى. قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغاندا، ئۆي - مۈلۈك ۋاسىتىچىسى لۈ تىڭياڭ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ تېپىشىغا ياردەم بەردى، يەنە تېخى ئۆي ئىجارىسىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا ئۇنىدى. شۇنداق قىلىپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن نەنچاڭدا ماكانلىشىپ، پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا يايما يېيىپ قۇرۇق ئۈزۈم، قاتلىما ساتتى.

2010 - يىلى، نەنچاڭ شەھىرى پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزىگەندە، ئۇلار يايما يېيىشقا ئامالسىز قالدى. نەنچاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شىخۇ شۆبە ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى شۈ يۇڭنىڭ كېپىل بولۇشى بىلەن، ئابدۇللا بىر دۇكان ئىجارىگە ئالدى، سودىسىمۇ مۇقىملاشتى.

«قۇرۇق ئۈزۈم سودىسى تازا ئاقمىدى، بىر شەندۇڭلۇق ھەدىمىز ماڭا قاتلىما سېلىش ھۈنىرىنى ھەقسىز ئۆگىتىپ قويدى؛ دۇكان ئېچىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار ماڭا يېشىل يول ئېچىپ بەردى؛ دۇكاندا سودا ئالدىراش بولغاچقا، قوشنام لوگوليەن ماڭا ياردەملىشىپ بالىمىزغا قاراپ بەردى...» ئابدۇللا قوللىرىنى كىرىشتۈرۈپ تۇرۇپ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىللاردا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ماڭا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، مەندە ھەر ۋاقىت ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ پەيدا قىلدى».

ئازراق ئېشىنچا پۇلى بولغان ھامان، ئابدۇللا ھەرىكەتكە كەلدى: ۋوگزالدا قىيىنچىلىقتا قالغان يولۇچىلارنى ئۇچراتقاندا، ئۇ ياردەم قىلىپ پويىز بېلىتى ئېلىپ بەردى؛ دوستى ۋاڭ لېي ئوپېراتسىيە ئۈچۈن جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇ 20 مىڭ يۈەن ئاپىرىپ بەردى؛ قوشنىسى ليۇ فېڭلىڭ 80 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئابدۇللا ئۇنى «ئاپا»دەپ چاقىرىپ، نەچچە كۈندە بىر يوقلاپ تۇردى؛ شىنجاڭلىق ئىشلەمچى خادىملارنىڭ يەرلىككە تېز كۆنۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇ 30 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى قۇردى؛ ئۇ يەنە نامرات ئائىلىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، يېقىنقى نەچچە يىلدا ھەر يىلى ئاز دېگەندە 100 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئۇنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتتى.

ئابدۇللا شىركەتنىڭ خادىملىرىنى تەشكىللەپ، «ئابلاجان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇردى. «مەن ھەربىر دۇكىنىمنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆزنىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەربىر خىزمەتچىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسىگە ئايلاندۇرىمەن.» ئابدۇللا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى باش دۇكاندا 200 گە يېقىن، ھەرقايسى شۆبە دۇكاندا نەچچە ئونغا يېقىن ئاھالە شىنجاڭ تائاملىرىغا ئېغىز تېگىۋاتىدۇ، بىز ھەر ۋاقىت <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى> چېچىپ تۇرۇۋاتىمىز».

بۇ يىل 8 - ئايدا، ئابدۇللا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. بۇ يىل، ئۇ يەنە 6 - نۆۋەتلىك جياڭشى ئۆلكىلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. نەنچاڭ شەھەرلىك مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تەن سەنگو مۇنداق دېدى: «ئابدۇللا ياخشىلىق قىلغاننى بىلىدۇ، مىننەتدار بولۇشنى بىلىدۇ، ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدۇ، ئۇ چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، چىن مۇھەببىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغاردى، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنىڭ جياڭشى - شىنجاڭدىكى تەسىرلىك نامايەندىسىدۇر».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى