تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

جۇرىخېدىكى ھەربىي پارات

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2017 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلاردىن جەمئىي 12مىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەر، 600دىن ئارتۇق (يۈرۈش) قورال - جابدۇق بولۇپ، بىر بايراق قوغداش چاسا ئەترىتى، 27 يەر يۈزى چاسا ئەترىتى ۋە توققۇز خادىملار چاسا ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن. قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئۈچ ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ 100دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايروپىلانى بىر خاتىرە بەلگىسى تىدۈيى، بىر ھاۋا بوشلۇقىدا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش تىدۈيى ۋە ئالتە ھاۋا بوشلۇقى تىدۈيى بولۇپ تەشكىللىنىپ، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگودىكى ئالتە ئايرودۇرۇمدىن ئۇچتى. بۇ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەشنى باش تېما قىلغان كاتتا ھەربىي پاراتى بولۇپ، دالا ئۇرۇشى بويىچە، ئەمەلىي ئۇرۇش بويىچە جەڭ مەيدانىدا سەپ تۈزۈپ، دۆلىتىمىز قورال - جابدۇقلىرىنىڭ ئەلا سۈپىتى، جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلغانلىقى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى.

رەئىس شى جىنپىڭ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 90 يىلنىڭ ئالدىدا، نەنچاڭ شەھىرىدە تۇنجى پاي مىلتىق ئاۋازى ياڭراپ، جۇڭگودا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭىچە خەلق ئارمىيەسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى جاكارلاندى. 90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەن كەڭ زېمىنىدا مەزمۇت تۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بارلىق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى! بىزنىڭ خەلق ئارمىيەمىز پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە بولۇشقا مۇناسىپ، دۆلەتكە سادىقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان قەھرىمان ئارمىيە بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمان ئارمىيە بولۇشقا مۇناسىپ.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خاتىرجەملىك، تىنچلىق خەلقنىڭ بەختى، تىنچلىقنى قوغداش خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتى. جاھان تېخى تىنچ ئەمەس، تىنچلىق قوغداشقا موھتاج. بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بىر كۈچلۈك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىشقا تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاج. بىز پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىزنىڭ بۇ قەھرىمان خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە پۈتۈن ئارمىيەدىكى قوماندان، جەڭچىلەرگە «تۆتتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى