تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم، زور تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى جەزمەن باشتىن - ئاخىر پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

2018 - يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى ھەم ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

2018 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى (2018 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باسقۇچ خاراكتېرلىك پىلانلاپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2020 - يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 2022 - يىلى پارتىيەنىڭ 20 - قۇرۇلتىيىنى ئېچىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش، مۇھىم، زور پىلان، مۇھىم، زور ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەر قايسى جايلار، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئاساسى.

پىكىردە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پىكىردە يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئەھۋالىغا قويۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى