تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چېن ياۋپىڭ: بېيىش يولىدا شىنجاڭلىق قېرىندىشىمنى ئۇنتۇمايمەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

كەچ كۈزنىڭ كۈندۈزى قىسقا، چېن ياۋپىڭ ھەر كۈنى ئىش قىلغاندا قۇياشنىڭ بالدۇر پېتىپ كەتكىنىدىنلا ئەپسۇسلىناتتى. 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا قېرىندىشىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بولۇپ ئۆيىگە قايتقاندا، تۈن پەردىسى پۈتكۈل كەنتنى قاپلىغانىدى.

ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسى ئارالەڭگەر كەنتىدىكى تۇرسۇن توختى مېيىپ بولۇپ، ئېتىز ئىشى قىلالمايتتى. مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس شەرەپ نامىغا ئېرىشىپ بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان چېن ياۋپىڭ ھەر كۈنى قېرىندىشى تۇرسۇننىڭ كېۋەزلىكىگە بېرىپ ياردەملەشتى. كەچكى قۇياش غەربكە پاتقاندا، چېن ياۋپىڭ تەرگەن پاختىنى تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە توشۇپ بولۇپ، يەنە ئىشىكتىن چىقىپ توشقانغا ئوت ئالغىلى ماڭدى.

«ئاكا، بۇ مەزگىلدە بەك جاپا تارتتىڭىز، ئەمما نۇرغۇن ئىشنى مەن قىلالمايمەن» دېدى تۇرسۇن توشقانلارغا ئوت بېرىپ بولۇپ خىجىل بولغان ھالدا چېن ياۋپىڭغا.

«ئىنىم، سىزمۇ ئۆيدە بىكار ئولتۇرمىدىڭىزغۇ؟ پاختىنى يىغىپ بولاي دېدۇق، ئەمدى بىز توشقاننى ياخشى بېقىشنى كۆپرەك ئويلىشايلى» دېدى چېن ياۋپىڭ.

2013 - يىلى، 44 ياشلىق چېن ياۋپىڭ خېنەندىن شىنجاڭغا ئىشلەمچىلىككە كەلدى. ئارالەڭگەر كەنتى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئىش مەيدانىدا بىر قېتىم سېمونت لاي ئېتىش ماشىنىسىدا كاشىلا كۆرۈلدى، ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان چېن ياۋپىڭ جىددىيلىشىپ قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتى، ئۆيىدە دەم ئېلىپ داۋالىنىۋاتقان تۇرسۇن بۇ ھالەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ھاسىغا تايىنىپ كېلىپ ياردەملەشتى.

تېزلا، سېمونت لاي ئېتىش ماشىنىسى ئوڭشالدى. چېن ياۋپىڭ يېنىدىن 100 يۈەن چىقىرىپ تۇرسۇنغا بەردى، تۇرسۇن رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز قېرىنداش، ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك، بۇ پۇلنى ئالسام بولمايدۇ.» شۇنىڭدىن باشلاپ، چېن ياۋپىڭ بۇ ئۇيغۇر قېرىندىشىغا دىققەت قىلدى.

تۇرسۇن تىراكتور ھەيدەۋاتقاندا ھادىسىگە ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قالغانىدى، خوتۇنى ھۆرنىساخان مەخمۇت بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش سەۋەبلىك ئېتىز ئىشى قىلالمايتتى، ئۆيىدە يەنە ئۈچ كىچىك بالىسى بار ئىدى. بىر ئائىلىدىكى بەش جان كېسەك ئۆيدە تۇراتتى، ئون مو كېۋەزلىكىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئەر - خوتۇن كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قالغانىدى.

تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقنى كۆرگەن چېن ياۋپىڭ ئۇن، گۈرۈچ، ياغ ھەم بالىلىرى كىيىدىغان كىيىم - كېچەك، ئاياغ سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئارالەڭگەر كەنتىنىڭ ئەمىن ئۆيى پۈتتى، چېن ياۋپىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەتتى، بىراق ئۇ يەنە دائىم تۇرسۇندىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ تۇراتتى، تۇرسۇننىڭ ئۈچ بالىسىمۇ تالىشىپ تۇرۇپ سۆزلىشەتتى. چېن ياۋپىڭ خوتۇنى جاڭ يۈەنمېي بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كېلەر يىلى يەنە ئاقسۇ شەھىرىگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى.

2014 - يىلى، چېن ياۋپىڭ يەنە ئاقسۇ شەھىرىگە كەلگەندە، 40 سۇڭلۇق بىر سۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق تېلېۋىزور، بىر توك قازىنى، بىر توك تاۋا ھەم ئىككى يەشىك بالىلار كىيىم - كېچىكى، ئايىغىنى ھاۋالىلىك توشۇتۇپ ئالغاچ كەلدى، ئۇ بوش ۋاقتى بولسىلا تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ياردەملەشتى. شۇ يىلى تۇرسۇن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، چېن ياۋپىڭ دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى ھەم خوتۇنىنى تۇرسۇننىڭ ئۆيىدىكى كىچىك بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئەۋەتتى.

يۇرتىدا قاما توشقان بېقىپ باققان چېن ياۋپىڭ ئاقسۇنىڭ قاما توشقان بېقىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، تۇرسۇننى توشقان بېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا رىغبەتلەندۈردى ھەم تۇرسۇننىڭ سىناق قىلىپ بېقىشى ئۈچۈن 20 بۆجەن ئېلىپ بەردى. تۇرسۇن توشقان بېقىش، يۇقۇملۇق كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش، نەسىللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسىلىگە يولۇقسىلا چېن ياۋپىڭغا تېلېفون بېرىپ ياردەم سورىدى. تۇرسۇننىڭ بېيىش ئىرادىسىنى كۆرۈپ، چېن ياۋپىڭ تۇرسۇن بىلەن بىللە توشقان بېقىپ بېيىشنى قارار قىلدى.

2015 - يىلى 5 - ئايدا، چېن ياۋپىڭ تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كەلدى، ئۇ ئۆزى يىغقان 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى چىقىرىپ، تۇرسۇننىڭ ئۆيىدە توشقان كاتىكى ياسىدى. 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، 1 - تۈركۈمدىكى نەسىللىك توشقاننى 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا ساتتى. كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا، ئۇلار توشقان بېقىپ تاپقان پۇلى بىلەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتتى، ھازىر بېقىلىۋاتقان توشقان 3000دىن ئاشىدۇ، 2018 - يىلى پايدىسى 270 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، كېسەل داۋالىتىشتا ئالغان قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بولدى، تۇرسۇن چېن ياۋپىڭغا ئوخشاش توشقان بېقىشنىڭ كەسىپ ئەھلى بولۇپ قالدى. ئارالەڭگەر كەنتىدىكى بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىمۇ بۇ ئاكا - ئۇكىغا ئەگىشىپ توشقان بېقىشنى ئۆگەندى، ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن توشقان باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئويلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى