تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىشەنچنى چىڭىتىپ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە دۇچ كېلىدىغان پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۆزلەپ جەزمەن ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز جەزمەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پۇرسەت ئەۋزەللىكىنى ئىگىلەپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

بۇ يىلدىن بۇيان، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى بىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ئىشەنچىمىزنى ئۇرغۇتتى، جاسارىتىمىزگە ئىلھام بەردى.

نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يەنە ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلە مەۋجۇت، بىز تەرەققىيات نەزەرى ۋە دىيالېكتىك تەپەككۇر بىلەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە يەنە ئىنتايىن قىممەتلىك پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ، مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ، تۈرلۈك سىياسەتلەر گىرەلىشىپ ئۈنۈمى ئېشىۋاتىدۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولۇۋاتىدۇ، بايلىقنىڭ ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇۋاتىدۇ، ئالقىشلاش كۆرسەتكۈچى كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭ، كەلگۈسىدىن ئۈمىد زور.

كېلەر يىلى ئالاھىدە ھەم ئاچقۇچلۇق يىل، ھەم «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا يۈزلىنىمىز، ھەم «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ، «ئىككىنچى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ باشلىنىش قەدىمىگە يۈزلىنىمىز، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. بىز ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى پۇختا چىڭ تۇتۇپ، ياخشى پايدىلىنىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، سۈپەتنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى داۋامىدا مىقدارنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ شىنجاڭدا كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى كەسكىن، قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ نۇقتىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشىمىز؛ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز؛ تۈر ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز؛ خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈشىمىز؛ ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىمىز، مەركەز ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز؛ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئۇنىڭ «ئۈچ چوڭ ئىقتىدارى» ۋە «تۆت چوڭ رولى»نى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر، زور، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشىدە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى ئورۇنداپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى