تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى    شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، 2019 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلەندى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، 2020 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە بۇ يىلدىن بۇيانقى ئىقتىساد خىزمىتىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، ھازىرقى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ 2020 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى ۋە تۈپ مىزانى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسەلدۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىنى ئۈنۈملۈك تىرەك قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى - مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلار، مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، پۇرسەت ئەۋزەللىكىنى ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە دەل جايىدا ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويۇش؛ ئومۇميۈزلۈك، بىر پۈتۈن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سۈپەتنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشى داۋامىدا مىقدارنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ توغرا يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەكشۈرۈش - سىناشنىڭ بىر مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

ئىككىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتنىڭ شىنجاڭدا كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەرگەن ئالاھىدە سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تەدبىر تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي، كەسكىن ياخشى قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس تۈر بويىچە كۆزىتىپ قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈرمۇتۈر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش؛ ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.

تۆتىنچى، نۇقتىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا پائال سىڭىشىش؛ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلىنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن يارقىن نام كارتىسىنى يارىتىش كېرەك.

بەشىنچى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قارىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختا، كۈچلۈك، سەر خىل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپ ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ ۋە ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئالتىنچى، تۈر ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە ۋە كەسىپ تۈرلىرىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم، زور تۈر، نۇقتىلىق باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات چارىسى، بازارلاشقان يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، شەھەر - بازار قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

سەككىزىنچى، سىجىل ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. مەركەز ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىش؛ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك كارخانا ۋە جەمئىيەت كاپىتالىنى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش؛ ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، يېقىن، پاك، يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

توققۇزىنچى، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئادەتتىكى چىقىمنى زور كۈچ بىلەن كېمەيتىپ، نەتىجە - ئۈنۈم، خامچوتنى باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ پۇل مۇئامىلە سۇبيېكتىنى كۆپەيتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشىنى قوللاپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئونىنچى، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ ئىقتىدار»ى ۋە «تۆت چوڭ رول»ىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھەقىقىي كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە - ھۆكۈمەتنىڭ «بىرىنچى قول» رەھبەرلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى»لىقنى ياخشى قىلىشى، تارماقلار بويىچە باشقۇرۇشقا مەسئۇل يولداشلار ۋە فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئەتراپلىق تەشكىللەپ، ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، زېھنىنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرى ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئويلىغان ئىشلىرى، كۈتكەن ئىشلىرى، ئالدىرىغان ئىشلىرىنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئامما غەم قىلىدىغان بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ بازار تەمىنات كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، يېمەكلىك، تېببىي دورا، سەھىيە بىخەتەرلىك باشقۇرۇشى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىشى؛ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، يىل ئاخىرى، يىل بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە تەڭ قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.