تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرايلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر چوڭ ئەۋزەللىكى. پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا 2020 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۈتۈن پارتىيەنىڭ كېلەر يىللىق خىزمەتلىرىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى ئىكەنلىكى گەۋدىلىك تەكىتلەندى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشى ئېنىق تەلەپ قىلىنىپ، بىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك ئاشقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىيالىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى بىزنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقىمىزدا. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتەك «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى ياراتقانلىقىمىز شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئىقتىسادى بىر غايەت زور پاراخوت، ھەجمى قانچە چوڭ، دولقۇن قانچە چوڭ بولغانسېرى، رولچى بولۇپ يول باشلاش شۇنچە مۇھىم بولىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇشىمىز، پارتىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

پارتىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشتا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ رەھبەرلىك تۈزۈمى بولۇپ، بىز ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ ھەممىسىدە جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش تۈپ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

پارتىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشتا، ئايلاندۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. جەزمەن شۇنى تونۇش كېرەككى، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ھەممىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىش ئەمەس، بەلكى چوڭ ئىشلارنى باشقۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى كېڭىشىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش شەكلى، ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى چىقىرىش ۋە تەڭشەشتە ئۇنىۋېرسال تەسىرىنى باھالاش كېرەك، «ئالدىراپ ئىش قىلىش»قا، «بىر تاياقتا ھەيدەش»كە بولمايدۇ. سىستېما نەزەرىيەسىنى چىقىش قىلىپ، ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان تارماقلار، ئوخشاش بولمىغان سىياسەتلەرنىڭ دۆلەت ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ئورنى ۋە فۇنكسىيەسىنى ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، بۇنى دەپ ئۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆپ خىل نىشان ئىچىدە ھەرىكەت ھالىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا سىستېمىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ماكرو سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى ئىلمىي، پۇختا ئىگىلەپ، تاشقى بېسىمنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

دۇنيانىڭ ئىشلىرى مۇرەككەپ بولسىمۇ، كۆپ نۇقتا، كۆپ تەرەپتىن ئويلىنىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا، كېمە دەريادا ماڭغاندەك پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېخىمۇ شەرەپلىك بۇرچ، تېخىمۇ مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تولۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى