تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى جاسارەت بىلەن ياخشى ئورۇندايلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2020 - يىلى، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىمىز ھەم ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالىمىز، بۇ، ھەم ھەل قىلغۇچ مەزگىل، ھەم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداش ئىنتايىن مۇھىم.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كۆزلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە جەزمەن ياخشى تۇتۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىزنىڭ مۇھىم نۇقتىنى داۋاملىق تۇتۇشىمىز، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىمىز، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشىمىز، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، خىزمەت مىزانى بىلەن تەمىنلەندى.

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنداشتا، «قانداق قاراش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشتا، جەزمەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاش كېرەك. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەزمەن ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا نامايان قىلىشتا، جەزمەن خەلق تۇرمۇشى، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، جەزمەن مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ئىشەنچلىك پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. يېڭى دەۋردە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، جەزمەن زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، «تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتىمۇ يەنىلا قەيسەر تۇرۇپ، كۈرمىڭلىغان جاپا - مۇشەققەت، زەربىلەرگە ئەگمىدۇق باش، سوقسىمۇ بوران - چاپقۇن، ھېلىھەم تۇردۇق مانا ياپياش» بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنداشتا، «قانداق ئىشلەش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دىققەت - ئېتىبارنى ھەرخىل تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، قىيىن ئىش، جىددىي ئىشنى چۆرىدەپ، دەل جايىدا كۈچەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ھالقىلىق پەيتلەردە، قىيىنچىلىقى بار توپنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىككى چاق قىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق مەنزىلىنىڭ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىدا ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم تاشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دۇنيا تارىخىدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىمۇ مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دەۋرگە مۇناسىپ، خەلققە مۇناسىپ، تارىخقا مۇناسىپ نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل سەھىپىنى پۈتۈپ چىقايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى