تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوقۇش - ئوقۇتۇشتا ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوقۇش - ئوقۇتۇشتا ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاپ سېلىشتۇرۇش، باھالاش ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش، ئالاقىدار مەلۇمات جەدۋەللىرىنى تولدۇرۇش خىزمىتىنى ئىخچاملاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يۆتكەش - ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىش ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش، تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خاتىرجەم، تىنچ، كۆڭۈللۈك ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش تەلەپ قىلىندى. ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر «پىكىر»نىڭ روھىغا ئاساسەن، يۈك يېنىكلىتىش كونكرېت تىزىملىكى تۈزۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى