تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخى ئاخىرلاشتى

ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئەڭ ئاخىرقى 9355 ئائىلىلىك نامرات ئاھالە ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى

شىنجاڭدا نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخى ئاخىرلاشتى

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى (11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). 2017 - يىلىدىن باشلاپ، قاغىلىق ناھىيەسى كەينى - كەينىدىن چوپان يېزىسى، كۆكيار يېزىسى، ئۇششاقباش بازىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تاغلىق يېزا - بازاردىكى 3150 ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچىنى ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈردى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا 198 مىڭ 617 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى پۈتۈپ، پۈتۈش نىسبىتى %99.21كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئەڭ ئاخىرقى 9355 ئائىلىلىك نامرات ئاھالە بۇ يىل ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، شىنجاڭدا نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخى بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى جىگدىلىك كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە تۇرسۇن موللىنىيازنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىنىگە ئىككى ئايدىن ئاشتى. ئازادە، يورۇق ئۆي، قولايلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تۇرسۇننىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى. «يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى، ھەر كۈنى پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچكە تولدۇق.» تۇرسۇن مۇنداق دېدى: مەن كەنتتىكى كالا باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدۇم، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، تۇرمۇشۇم كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولىدۇ. ھازىرغا قەدەر، 609 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 32 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچىنىڭ ھەممىسى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، 200 مىڭ ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇپ، %100 ئىش باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى نامراتلارنى يۆلەش، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار يوللىغان 2020 - 2019 - يىلى يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارلىق تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتنىڭ قۇرۇلۇش ئېھتىياجى سانلىق مەلۇماتىنى «ئىككىنى يۇقىرىغا يوللاش، ئىككىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش» بويىچە سېلىشتۇرۇپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى مۇۋاپىق بېكىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 162 مىڭ 400 ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، پۈتۈن يىللىق پىلان - ۋەزىپىنىڭ %81ىنى ئىگىلىدى. ۋەزىپىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 9355 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پىلان، ۋەزىپە، مەبلەغدە مايىللىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى يېزا - بازار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ شاۋئەي مۇنداق دېدى: يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. تۈرلۈك مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆي قۇرۇلمىسى بىخەتەر، ئىشلىتىلىش ئىقتىدارى تولۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا قولاي بولغان يېڭى يېزىلار قۇرۇلۇپ، «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» بولغان كونا قىياپەت ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى.

«2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ <13 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى جاڭ شاۋئەي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى