تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قىشلىق بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، باقمىچىلىق بىلىملىرىنى تولۇقلاش

12-ئاينىڭ 8-كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 2-ئەترىتىنىڭ باقمىچىلىق رايونى ئىچىدە، مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ خادىملىرى كەنتتىكى باقمىچىللارغا باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى پېڭيەن خەۋىرى، رىزۋانگۇل فوتوسى): چەرچەن ناھىيەسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئاساسلىقى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. قىشلىق بوش ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئۇرۇقچىلىق 2-ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ناھىيەلىك مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ تېخنىك خادىملىرىنى كەنت ئاھالىلىرىنى باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى