تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەمدىلا يېپىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن مەركەز ئاچقان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ بىزنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تولۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىزدا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، بۇ يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تەستە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، 2020 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى، سىياسەت يۈزلىنىشى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر چوڭقۇر شەرھلەندى، بۇ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ۋە تۈپ مىزان. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تولۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

بىرىنچى، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر بىلەن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىگە مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بېسىمنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادتا مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئومۇمىي تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

ئۈچىنچى، سىياسەت يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش كېرەك. مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، جەمئىيەت سىياسىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىجىل كۈچەپ، داۋاملىق مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈچ كەسىپنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، كۈچەپ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەشىنچى، ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئىككى يۈرۈش خىزمەت بەنزىسى» خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۈنۈم ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.