تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. خۇددى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئالاھىدە خەۋىرىدە دېيىلگىنىدەك: «پۈتۈن دۇنياغا جاكارلايمىزكى: شىنجاڭ تىنچ - ئامان!»

يې زى

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توستى، بۇنى «رەزىل نىيىتى ھەممىگە بەش قولدەك ئاياندۇر» دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقىدەك كونا نەيرىڭىنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىدىن ئىختىيارسىز شۇنداق سوراپ باققۇسى كېلىدۇ: سىلەر شىنجاڭنى چۈشىنەمسىلەر؟ سىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باققانمۇ؟ سىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا قالايمىقان بىلجىرلايدىغانغا نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟ «تاغدىكى ئىشلارنى بىلمەكچى بولساڭ، ئوتۇنچىدىن سورا.» شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىدا يەنىلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

«ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 64 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى مىللەتلەر شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، خاتىرجەم ياشايدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئورتاق ياراتتى. شىنجاڭدا ئادەتتىكى ئاممىۋى خام چوت چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈلدى. 2014 - يىلىدىن بۇيانلا، جەمئىي 2 مىليون 385 مىڭ 300 نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىنىڭ دەسلىپىدىكى %22.84تىن %6.51كە تۆۋەنلىدى. جۇڭگونىڭ بىر قاتار شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.

شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە سىياسىتىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىدە، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى بۇزۆھرە روزى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن كەشتە تىكىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، قول كەشتىچىلىكى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى 30 نەچچە كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنداق ھېكايىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبەرمىگەنلىك پاكىتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىش سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇمدىنمۇ ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.

شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلگەن - كاپالەتلەندۈرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئاللىقاچان بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»گە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭدا ھازىر 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار، ئىسلام دىنى دىنىي خادىمىدىن 29 مىڭ كىشى بار، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا ھەر دەرىجىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدىن 103ى بار... شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى، ئىسلام دىنىغا ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، دىنىي بىلىملەرگە ئېرىشىش يولى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىش پائالىيىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، نورمال دىنىي ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلدى.

«ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار مۇشۇ تۇپراقتا تىنچ - خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، مەن ئاشۇ نەچچە يىل بۇرۇنقى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ قايتا يۈزبەرمەسلىكىنى، تىنچ - خاتىرجەم، تىنچ ھالدا داۋاملىق مۇشۇ تۇپراقتا ياشاشنى ئۈمىد قىلىمەن.» ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدە»نىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، شىنجاڭدىكى بىرنەچچە ئاممىنىڭ سۆزلىرى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. بۇ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى، شۇنداقلا شىنجاڭنى بۇرمىلايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلايدىغان پىتنە - ئىغۋالارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى رەددىيە.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئاخىرقى ھېسابتا ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ، خۇددى قارا بۇلۇتلار قۇياشنى توسۇيالمىغانغا ئوخشاش. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت، بۈگۈنكى شىنجاڭدا مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى، ئىقتىساد تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىدى. خۇددى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئالاھىدە خەۋىرىدە دېيىلگىنىدەك: «پۈتۈن دۇنياغا جاكارلايمىزكى: شىنجاڭ تىنچ - ئامان!»

(ئاپتور «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى ئەسلىي 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەلق گېزىتىنىڭ چەت ئەل نۇسخىسىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.