تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تۇخۇم بىلەن لۇڭيەننى بىللە پىشۇرۇپ يېسە، قان ئازلىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ

  قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل، مەسىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئوپېراتسىيەدە قان كۆپ چىقىپ كېتىش قاتارلىقلار. تۆۋەندە تەۋسىيە قىلىنغان رېتسىپنى قوللانغاندا، يۈرەكنى تىنىچلاندۇرۇپ، قاننى قۇۋۋەتلەپ تالنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى قانسىراش كەلتۈرۈپ چىقارغان قان ئازلىق، ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    6 گىرام لۇڭيەن (گۈييۈەن) ئېتىگە 400 مىللىگىرام سۇ قوشۇپ، قاينىغاندىن كېيىن سۇس ئوتتا يەنە 15 مىنۇت قاينىتىپ، شورپىغا ئىككى دانە تۇخۇم چاقىمىز. تۇخۇم پىشقاندىن كېيىن لۇڭيەن ئېتى، تۇخۇم ۋە شورپىنى بىللە ئىستېمال قىلىمىز. بۇنى ئۇدا ئىككى ھەپتە سەھەردە ئاچ قورساق ئىستېمال قىلسا ياكى ناشتىلىق ئورنىدا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

   لۇڭيەن مېۋە بولۇپلا قالماي، يەنە دائىم ئىشلىتىلىدىغان جۇڭيى دورىسى، تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، يۈرەك ۋە تالدىن ئىبارەت ئىككى ۋېناغا كىرىپ يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، قان ۋە تالنى قۇۋۋەتلەپ، يۈرەك ۋە تال زەئىپلىشىش، قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالايدۇ. لۇڭيەننىڭ تەركىبىدە تۆمۈر مول بولۇپ، قان ئازلىق كېسىلى بار بىمارلار دائىم يەپ بەرسە يۈرەك ۋە قاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. تۇخۇم قاننى قۇۋۋەتلەپ، قۇرغاقلىقنى ھەيدەپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ، بۇ قۇۋۋەت ۋە قان يېتىشمەسلىكنى داۋالايدىغان ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، لېتىسىتىن، ۋىتامىن D ۋە B12 قاتارلىقلار بار بولۇپ، تۇخۇم سېرىقىنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى ئىنتايىن مول ئىكەن. بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندا، تەركىبىدىكى يۇقىرى تۆمۈر بىلەن يۇقىرى ئاقسىل قان ئازلىقنى ياخشىلايدىكەن.

   تۇخۇم بىلەن لۇڭيەن ئېتىنى بىللە پىشۇرغاندا، ئۇزاق مەزگىل كېسەل بولۇپ ئاجىزلاپ كەتكەن بەدەننى، ئاياللاردىكى قان ۋە قۇۋۋەت ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنە قارا شېكەر قوشۇپ ئېستېمال قىلغاندا تەمى ياخشىلىنىپلا قالماي، قاننى تولۇقلاپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ قان تولۇقلاشتا قۇرۇتۇلغان لۇڭيەن يېڭى مېۋە ھالەتتىكى لۇڭيەندىن ياخشى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن ئاجىزلاپ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر، بەلغەم كۆپكەنلەر ياكى زۇكام بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.

«خەلق تورى» دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى