12-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى تىرانسفورموتور پونكىتىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە.
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى كىرگۈزگەن تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى رەسمىي ئىشقا چىقتى. بۇ ماشىنا ئادەم كومپيۇتېر نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش تېخنىكىسى بويىچە ئۈسكۈنىلەرنى كۈندىلىك چارلاپ كۆزىتىش، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، ۋىكليۇچاتېل رۇبىلنىكىنىڭ نەق مەيداندىكى ئورنىنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. (يۈسۈپ غېنى فوتوسى)