تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

بايىنغولىن ئوبلاستى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تۇنجى تولۇق كۇرس مەكتىپىنى كۈتۈۋالىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ شياۋدۇڭ خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىشنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئېلان»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان توققۇز تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن (بۇنىڭ ئىچىدە مۇستەقىل شۆيۈەن بولۇپ تەسىس قىلىنغىنى ئۈچ، تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مائارىپ سىناق نۇقتىسى ئالتە) بولۇپ، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغان، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ سودا ئىشلىرى شۆيۈەنى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى قىلىپ تەسىس قىلىنغان، بۇ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تۇنجى تولۇق كۇرس مەكتىپى — شىنجاڭ پەن-تېخنىكا شۆيۈەنىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى سودا ئىشلىرى شۆيۈەنى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ بېكىتكەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى مالىيە-ئىقتىساد تۈرىدىكى مۇستەقىل شۆيۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باشقۇرىدۇ. بۇ شۆيۈەن 2004-يىلى قۇرۇلغان، 2016-يىلى 9-ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ سودا ئىشلىرى شۆيۈەنى كورلىغا كۆچۈرۈپ قۇرۇلغان ھەمدە ھازىرغىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئالىي مائارىپ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛ كورلا مەكتەپ رايونى كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ جىنخې يولىدا بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1600 مو.

  شۆيۈەندە ھازىر ئىقتىسادشۇناسلىق فاكۇلتېتى، مالىيە-بوغالتىرلىق فاكۇلتېتى، سودا-سانائەت باشقۇرۇش فاكۇلتېتى، ئاممىۋى ئاساسىي ئوقۇتۇش بۆلۈمى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى بار؛ بوغالتىرلىق، مالىيە باشقۇرۇش، پۇل مۇئامىلەشۇناسلىق، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، باج ئىلمى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ماركېتىڭ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش، ئاخبارات ئىلمى، قانۇنشۇناسلىق، ساياھەت باشقۇرۇشتىن ئىبارەت 11 تولۇق كۇرس كەسپى بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق، باشقۇرۇش ئىلمى، ئەدەبىيات، قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق پەن تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 2020-يىلى خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ھۈنەر-سەنئەت، يېنىك سانائەت قۇرۇلۇشى، توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنىدۇ.

بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى