تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن

شىنجاڭ غەربىي تىيانشان دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مەمەتئىمىن ئابدۇللا

مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان، پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر. ئوقۇشتىن تارتىپ خىزمەت قىلىشقىچە، باشتىن - ئاخىر پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشتىم، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا بولغان چوڭقۇر، سەمىمىي غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم.

بىر شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تۇرمۇشىمىزدا بىر قەۋەتلىك كىچىك ئۆيدىن ئازادە بىنا ئۆيگىچە، ئېگىز - پەس، ئوڭغۇل - دوڭغۇل توپا يولدىن تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، ئاسفالت يولغىچە، بىپايان چۆللۈكتىن بوستانلىققا ئايلىنىشقىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، داۋالىنىش كاپالىتى، تۇرالغۇ تولۇقلىمىسى قاتارلىق ھەقىقىي ئەمەلىي بولغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇم. دەل مۇشۇلارغا گۇۋاھ بولغانلىقىم ۋە ئۇنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىم ئۈچۈن، مەن مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان بۇ مۇنبەت تۇپراقنى تېخىمۇ سۆيىمەن، پارتىيە ۋە دۆلەتكە تېخىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

خەۋەردىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىنى كۆردۈم. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى. ھەربىر جۇڭگولۇق بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىنى، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭدا پەيدا قىلغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ يەل بېرىشكە ئۇرۇندى، بۇ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ۋە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى باھانە قىلىپ، دۆلىتىمىزنى توسۇشقا، پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى چوقۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاخىرى ھامان تارىخنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئەسلا كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. شىنجاڭ ئىلگىرى ئەسەبىزم، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى. كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بەردى، بۇ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدا ئۈچ يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا پۈتۈن يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ قانات يايدۇرغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى قانۇنچىللىق روھى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن.

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي باھا بەردى. بۇ يىل 3 - ئايدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ مۇسۇلمان ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ماختىدى. 7 - ئايدا، 50 نەچچە دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي خاس خادىمىغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. 10 - ئايدا، 60تىن ئارتۇق دۆلەت 74 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3 - كومىتېتى يىغىنى مەزگىلىدە بەس - بەستە سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى تەرىپلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى كۈچلۈك ئىسىپاتلىدىكى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدە قۇسۇر تېپىشى پاكىتقا پۈتۈنلەي خىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم خەلق رايىغا پۈتۈنلەي خىلاپ.

جۇڭگو قانۇنچىل دۆلەت، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش جەريانىدا، باشتىن - ئاخىر پاكىتنى ئاساس قىلىش، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشنى كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈردى ھەم ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تايانچ ئۇنسۇرلىرى ۋە تېررورلۇق پائالىيىتى جىنايەتچىلىرىنى قاتتىق جازالاپ، ئەڭ زور چەكتە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ يەنە مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ياردەم بېرىش، يۆلەش، تەربىيەلەش، ماھارەت ئۆگىتىش ئارقىلىق، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايى قىلمىشى بار مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ، قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ۋە قۇربانى بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى، ئامېرىكا تەرەپ ئېيتقاندەك «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش» مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىدە، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان دىنلار مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى، راۋاجلاندۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى. ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دىنلار ئېجىل - رايىش، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلاشتى، بۇ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللەنگەن تەرەققىيات مەزگىلىگە مەنسۇپ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەرقانداق كۈچ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ!

مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت خەلق قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ مەن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، گۈللىنىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ؛ مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىرلىكتە ئىتتىپاقلاشقان ھەر مىللەت خەلق ھەرقانداق دۈشمەن كۈچلەرگە شىنجاڭدا پۇت تىرەپ تۇرۇش پۇرسىتى بەرمەيدۇ. بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق، گۈللەنگەن شىنجاڭ قۇرۇش، بىز چىن يۈرەكتىن سۈيىدىغان بۇ ئىللىق تۇپراقنى ياخشى چىڭ ساقلاش ئىقتىدارىمىز بار.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق ئالدىدا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى دادىللىق بىلەن پاش قىلىمەن. جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە خەلقنى كۆزلەيمەن، ھەرىكەتتە ئەمەلىيەتچىل بولىمەن. بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە، پەقەت ئاممىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىغاندىلا، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى تۇتۇپ، ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەر توپىنى تۇتۇپ، ئىشلارنى بىر ئىش - بىر ئىشتىن بېجىرگەندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ.

ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشلامچىلىق بىلەن ئائىلەمدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئائىلەمدىكىلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى كۆپرەك دېيىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، تىرىشىپ ياخشى ئائىلە كەيپىياتى بەرپا قىلىمەن. ئۆزۈمدىكى ئاكتىپ كۈچ ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايمەن.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى خەلق ئاممىسىغا بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى، بىز ھېچكىمنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز. شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.