تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش خام خىيالىدا بولغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ

ئۇلۇغچات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم سىيار قالبن

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى جاھىللىق بىلەن ماقۇللىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن ھېسسىياتىنى نەزەرگە ئالماي، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭدىكى تىنچ - ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئالماي، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ھە دەپ ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى بولمىغان قوش ئۆلچىمى ۋە ساختىپەز، رەزىل زومىگەرلىك لوگىكىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا قاتناشقۇچى، باشتىن كەچۈرگۈچى، گۇۋاھچى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىغىچە، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تەھدىت سالدى. تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك قوغداپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش تېررورىزمغا زەربە بېرىشنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەرلىككە بولغان سەمىمىي ئارزۇسىنى قاندۇردى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىدى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىدە، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى. شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، ھەر مىللەت خەلق ھەسسىلەپ ئاسرايدۇ، ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەجرىبىلىرى قوبۇل قىلىنىش، ئۆرنەك قىلىنىش بىلەن بىللە، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشتىن قول سېلىنىپ، تېررورىزمغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلاشقا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىنىپ، بىر يۈرۈش تەجرىبە ۋە ئۈنۈملۈك چارە شەكىللەندۈرۈلدى. ھازىر، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭىلاندى، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشنى پائال قوغلىشىدىغان، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ئاڭلىق چەكلەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەر مىللەت ئامما كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۈمىدكە تولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

لېكىن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار رەزىل مەقسەتتە قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلەپ، قىلچە ئاساسسىز، ھەقىقىي ئەھۋالدىن چەتنىگەن بىمەنە سۆزلەرنى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا كۈچىنىڭ بارىچە داغ تەگكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى قەتئىي قوشۇلمايدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ سۆز - ھەرىكىتى خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيلىق ۋە ئىنسانىي ۋىجدانغا ئېغىر خىلاپ، بارلىق ئاق كۆڭۈل ۋە ھەققانىيەتچى كىشىلەر بۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە ساختىپەز ئەپت - بەشىرىسىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆردى.

شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ ياخشى قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىدا باشقىلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان رېئاللىقىنىڭ دېگىنى ھېساب، مەن ئىپتىخارلىق بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق تولۇپ تاشمىغان. شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە ئامېرىكا تەرەپنىڭ كەلسە - كەلمەس قول تىقىشى، بىلجىرلىشى ھاجەتسىز، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش خام خىيالىدا بولغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.