تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

«قارار»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم كاپالىتى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان ۋە سالامەت بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، بىرىنچى قېتىم مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا قارار قىلىش شەكلىدە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا مۇھىم، زور تەدبىر بەلگىلىدى.

«قارار»دا، بايراق روشەن ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «قارار»دا قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشى، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلدى، بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق دۆلەت قۇرۇلۇشىدا «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، «تېز ئىلگىرىلەش يولى»دا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى