تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (چى شېڭ) 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» ماقۇللاندى. «تەكلىپ»تە مۇنداق تەكىتلەندى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى زورايتىش ئۈچۈن، جەزمەن ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاساسسىز بارلىققا كەلگەن ئەمەس، ئۇ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تەرەققىيات تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا شەكىللەنگەن، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىجادىي تەرەققىي قىلىشتا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ماس تەرەققىي قىلىشتا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىشتا تەرەققىياتنىڭ ئىچكى - تاشقى ھەمتۈرتكىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ھەمبەھرە تەرەققىي قىلىشتا جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە پارتىيەنىڭ تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي - ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ يېڭى مەنزىلى ئېچىپ بېرىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچغا ئايلاندى.

2017 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىگە كىرگۈزۈلدى. 2017 - يىلى 12 - ئايدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى